ۋاشىنگتون پوچتىسى: «شىنجاڭدىكى ۋەھشىيلىك خەلقئارانىڭ ماس قەدەملىك ئىنكاس قايتۇرۇشىنى تەقەززا قىلدى»

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتى 5-فېۋرال تەھرىرات ماقالىسى ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ «شىنجاڭ لاگېرلىرىدىكى ئاياللار ئۇچراۋاتقان قىيىن-قىستاق، جىنسىي خورلاش ۋەھشىيلىكى خەلقئارانىڭ ماس قەدەملىك ئىنكاس قايتۇرۇشنى تەقەززا قىلىۋاتقانلىقى» نى بىلدۈردى. «ۋاشىنگتون پوچتىسى» نىڭ تەكىتلىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن مۇسۇلمان دۆلەتلەر ئامېرىكاغا قوشۇلۇپ، ب د ت نىڭ رايوندا يۈز بەرگەن باسقۇنچىلىق، قىيىن-قىستاق ۋە باشقا خورلاش قىلمىشلىرىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلىشى كېرەك ئىكەن.

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» غەربنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدە ئۇيغۇرنىڭ لاگېرلارغا قامالغانلىقى، مېڭە يۇيۇلۇۋاتقانلىقى، ئارقىدىن قىيىن-قىستاق، ئاياللارنى تۇغماس قىلىش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ھەققىدىكى خەۋەرلەرگە ئېرىشكەنلىكى، مانا ئەمدى BBC نىڭ لاگېردىكى ئاياللارنىڭ سىستېمىلىق باسقۇنچىلىققا ئۇچرايدىغانلىقى توغرىسىدا كىشىنى چۆچۈتەرلىك خەۋەرلەرنى ئاشكارىلىغانلىقى، ئامېرىكا ھەقلىق تۈردە «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېلان قىلغان بۇ ۋەھشىيلىك خەلقئارانىڭ ماس قەدەملىك ئىنكاس قايتۇرۇشىنى تەقەززا قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

«خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى ۋەھشىيلىكىنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلىقى مەلۇم بولدى» ماۋزۇلۇق تەھرىرات ماقالىسىدە، خىتاينىڭ ھازىرغا قەدەر بۇ ۋەھشىيلىكنى ئۇستىلىق بىلەن يوشۇرۇپ كەلگەنلىكى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ پەقەت چاقىرىق قىلىپ قويۇشتىن باشقا ئىش قىلمىغانلىقى، بەزى مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ ئىزچىل سۈكۈت قىلىپ كەلگەنلىكى تەنقىد قىلىنغان. ماقالىنىڭ ئاخىرىدا، «ئۇلار ئامېرىكا بىلەن قوشۇلۇپ، ب د ت نىڭ باسقۇنچىلىق، قىيىن-قىستاق ۋە باشقا خورلاشلارنى تەكشۈرۈشىنى تەلەپ قىلىشى كېرەك» دېيىلگەن.