نەشرىيات ئىدارىسىنىڭ ئۇيغۇر باشلىقى ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بىخەتەرلىكىنى قوغدايدىغانلىقىنى ۋەدە قىلدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2017.05.30

ئۇيغۇر دىيارىدا داۋاملىشىۋاتقان ئۇيغۇر قاتارلىق ھۆكۈمەت كادىرلىرىنىڭ ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ، خىتاي كومپارتىيىسىگە ساداقىتىنى ئىپادىلەش ھەرىكىتى ھەر ساھە ۋە ھەر خىل كەسىپلەردىكى ھۆكۈمەت كادىرلىرى ئارىسىدا، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى كونكرېت مەزمۇنلار بويىچە كۈرەش قىلىش ئىرادىسىنى بىلدۈرۈش شەكلىدە داۋاملاشماقتا.

ئۆتكەن جۈمە كۈنى خىتاينىڭ «شىنجاڭ گېزىتى»دە خەلق نەشرىياتىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى ئەلى توختىنىڭ ئوچۇق خېتى ئېلان قىلىندى. ئەلى توختى ئوچۇق خېتىدە ئاتالمىش ئۈچ خىل كۈچلەرنىڭ «مىللەت، دىن، بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، ئىلمىي تەتقىقاتنى باھانە قىلىپ، مىللەت، تارىخ، دىن، مەدەنىيەتتىن پايدىلىنىپ، تارىخنى بۇرمىلاش، ئۆزگەرتىش، يالغاننى توقۇش، ساختىلىق قىلىش ئارقىلىق خىتاي كومپارتىيىسىنى ئىنكار قىلىشقا ئۇرۇنغانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي، مىللىي سىياسىتىگە ھۇجۇم قىلغانلىقى»نى ئالاھىدە تەكىتلىگەن ۋە نەشرىيات ساھەسىدە بۇ خىل مەزمۇندىكى يازمىلارنىڭ ئېلان قىلىنىشىغا يول قويمايدىغان ئىرادىسىنى ئىپادىلىگەن.

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلار زىيالىيلىرى ئارىسىدا ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى باستۇرۇشنى 60 يىلدىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان بولۇپ، 50-60 يىللاردا ئاتالمىش «پان تۈركىزم، يەرلىك مىللەتچىلىككە زەربە بېرىش»، 70-يىللاردا: «بۇرژۇئا ئىدېئولوگىيىسىگە زەربە بېرىش»، 90 يىللاردا «بۆلگۈنچىلىك ئىدىيىلىرىگە زەربە بېرىش» قاتارلىق ھەر خىل سىياسىي ھەرىكەتلەر ئارقىلىق ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ مىللىي ئىپتىخارلىق مەدەنىيەت كىملىكى ئىرادىسىنى باستۇرۇپ، مىللىي كىملىك، مىللىي مەدەنىيەت ھەققىدىكى كىتاب نەشر بۇيۇملىرىنى چەكلەپ كېلىۋاتقان ۋە نادىر ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى چەكلەپ، ئۇلارنى زەربە نىشانى قىلماقتا. تېخى بىر ئاي ئىلگىرىلا خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتىگە ئائىت 100 دىن ئارتۇق كىتابنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.