ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان كۆزەتكۈچىلەر دائىرىلەرنىڭ رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ئىسلام دىنىي جەمئىيەتلىرىنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئاتالمىش «ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زات» لارنى ياساپ چىقىرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، دائىرىلەر ئۇيغۇر ئېلىدىن جەمئىي 64 نەپەر «ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زات» نى تاللاپ خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئېكسكۇرسىيىگە ئەۋەتكەن.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مەسچىتلەرگە ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تەيىنلەنگەن ياش ئىماملار ئىكەن. ئۇلار ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن 10-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن 11-ئاينىڭ 19-كۈنىگىچە بولغان بىر ئاي جەريانىدا شەنشى، جياڭسۇ، خۇنەن ئۆلكىلىرىدىكى مەسچىتلەر بىلەن يەرلىك ئىسلام دىنى جەمئىيەتلىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغان.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ پائالىيەتنى خىتاي مەملىكەتلىك مەركىزىي ئىتتىپاق كومىتېتى، ياشلار بىرلەشمىسى ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى بىرلىكتە تەشكىللىگەن بولۇپ، ئېكسكۇرسىيە ئۆمىكىدىكىلەر قايتىپ كېلىپ ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق جايلاردا تەشۋىقات پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن.
ئۇلار ئېكىسكۇرسىيەنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن دائىرىلەرگە ئىپادە بىلدۈرۈپ، ئۆزلىرىنىڭ مەسچىتلەردە «مۇقىملىق ۋە ئىتتىپاقلىق» ھەققىدە ۋەز سۆزلەيدىغانلىقىنى، «دىنىي ئەسەبىيلىك» كە قارشى تۇرۇپ كومپارتىيەنىڭ دىن ۋە مىللەتلەر سىياسىتىنى ھىمايە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر بىلەن سىياسىي ئانالىزچىلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇقىملىقىنى تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن ئۆزلىرى بىر قوللۇق تەربىيىلەپ يېتىشتۈرگەن ئاتالمىش «ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زات» لاردىن پايدىلىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.