ئامېرىكادىكى نوپۇزلۇق مەتبۇئاتلاردا شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ «ۋۇخەن ۋىرۇسى» نى يوشۇرۇش ئارقىلىق پۈتۈن دۇنياغا تەھدىت پەيدا قىلغانلىقى تەنقىد قىلىندى
2020.01.30
«نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ داڭلىق ئىستون يازغۇچىسى نىكولاس كىرىستوف 29-يانۋار كۈنىدىكى يازمىسىدا ۋۇخەن ۋىرۇسى پەيدا قىلىۋاتقان دۇنياۋى تەھدىتنى قەلەمگە ئالدى. ئۇ ماقالىسىگە «كورونا ۋىرۇسى تارقالماقتا، خىتايدىكى دىكتاتورلۇقنىڭ بەدىلىنى دۇنيا تۆلەۋاتىدۇ» دەپ ماۋزۇ قويغان.
ئۇ ماقالىسىنىڭ كىرىش قىسمىدا «بىز ھازىر شى جىنپىڭنىڭ ھاكىممۇتلەق تۈزۈمىنىڭ خىتاي ئۈچۈن ۋە شۇنداقلا پۈتۈن دۇنيا ئۈچۈن تەھدىتلىكىنى كۆرۈۋاتىمىز،» دېگەن. ئۇ ماقالىسىدە يۇقۇملۇق ۋىرۇس ۋۇخەندە 1-دېكابىر ئەتراپىدا بايقالغان بولسىمۇ، بىراق ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ ئەھۋالنى جامائەتتىن يوشۇرۇش ۋە ھەتتا جامائەتنى ئاگاھلاندۇرغان 8 كىشىنى «ئۆسەك سۆز تارقىتىش» بىلەن جازالاش ئارقىلىق خىتاي خەلقىنى ۋە دۇنيانى بىخۇدلاشتۇرغانلىقىنى بايان قىلغان.
ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا ئەھۋالنى مەلۇم قىلغان چاغدىمۇ ئۆز پۇقرالىرى تېخى ۋەقەدىن خەۋەرسىز يۈرگەن. 23-يانۋار كۈنى خىتاي ئاخىرى ۋۇخەن شەھىرىنى قامال ئاستىغا ئالغاندا بولسا ئاللىقاچان 5 مىليون ۋۇخەنلىك شەھەردىن چىقىپ بولغان، دوختۇرخانىلار كىرىزىسكە تەييارلىقسىز قېلىپ، تەكشۈرۈش-داۋالاش ئەسلىھەلىرى يېتىشمەسلىكتەك ئاقىۋەتلەر كەپ چىققان. نىكولاس كىرىستوف ماقالىسىدە يەنە ۋۇخەن ۋىرۇسنىڭ ئاللىقاچان خىتاينىڭ غەربىدىكى ئۇيغۇر رايونىغا تارقىلىپ، ئۇ يەردىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا ئىنتايىن ناچار شارائىت ۋە چەكلىك سەھىيە خىزمەتلىرى ئاستىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان بىر مىليوندىن ئوشۇق مۇسۇلمان خەلقىنىڭ ھاياتىغا ئېغىر تەھدىت پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەن.
ئۇ ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا شى جىنپىڭنىڭ سېپى ئۆزىدىن بىر دىكتاتور ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «دىكتاتورلار كۆپىنچە ھاللاردا خاتا قارارلارنى چىقىرىدۇ. چۈنكى ئۇلار توغرا ئۇچۇرغا ئېرىشەلمەيدۇ. سىز مۇستەقىل پىكىرلەرنى ئۇجۇقتۇرغىنىڭىزدا، ئېرىشىدىغىنىڭىز پەقەتلا ئەتراپىڭىزدىكىلەرنىڭ خۇشامىتى ۋە ياخشى سۆزلىرى بولىدۇ،» دېگەن.
ئۇ يەنە «مەن شى جىنپىڭنىڭ بۇ خاتالىقى سەۋەبىدىن ھازىر سىياسىي پېشكەللىككە ئۇچرىغان ياكى ئۇچرىمىغانلىقىنى بىلمەيمەن. بىراق ئۇ شۇنداق بولۇشى كېرەك. ئۇ ئۆز-ئۆزىدىن پەخىرلىنىدىغان بىر دىكتاتور. ئەمما بۇ ۋىرۇسنىڭ بەدىلىنى بولسا پۇقرالار تۆلەۋاتىدۇ،» دەپ يازغان.
بۈگۈن يەنە «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىدە جون پومفىرت تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان مۇلاھىزىدىمۇ شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ «ۋۇخەن ۋىرۇسى» نى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى تەنقىد قىلىندى.