خىتاي باشقۇرۇشىدىكى «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 2-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، شۇ كۈنى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئامېرىكانىڭ شىنجاڭ ھەققىدىكى جازا تەدبىرلىرىگە قەتئىي قارشى تۇرۇش ۋە جازاغا ئۇچرىغان شىركەت كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش ھەققىدىكى قارارى» (تۆۋەندە قىسقارتىپ «قارار» دېيىلىدۇ) رەسمىي ئېلان قىلىنغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 34-نومۇرلۇق ئۇقتۇرۇشى بولغان بۇ «قارار» 23-ئاۋغۇست كۈنى ماقۇللانغان. ئەمما بۇنىڭ تولۇق تېكىستى تېخى ئېلان قىلىنمىغان بولۇپ، 2-سېنتەبىر كۈنى بۇ «قارار» نىڭ تولۇق مەزمۇنى ئاشكارا بولغان. «قارار» دا ئېيتىلىشىچە، بۇ نۇقتىلىق ھالدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2022-يىلى 21-ئىيۇندىن باشلاپ ئىجرا قىلىشقا كىرىشكەن «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» غا قارشى تۇرۇش مەقسىتىدە ماقۇللانغان. شۇنداقلا مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنىڭ ماقۇللىنىشى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى شىركەت كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش خىزمىتىگە ئېغىر زىيان-زەخمەت يەتكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.
«قارار» دا ئامېرىكا ماقۇللىغان مەزكۇر قانۇن لايىھەسى تەنقىدلىنىپ، «بۇ كىشىلىك ھوقۇق بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ ئىقتىسادىي جەھەتتىن زەربە بېرىش سۇيىقەستى» دېيىلگەن. شۇنىڭدەك ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى مۇشۇ ئارقىلىق خىتاينى ئىسكەنجىگە ئېلىش مەقسىتىگە يەتمەكچى بولغان، دەپ ئەيىبلىگەن.
«قارار» دا ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى باي قىلماقچى» بولۇۋاتقاندا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ماقۇللىغان بۇ قانۇن لايىھەسى بۇ خىل ئىجابىي يۆنىلىشكە بۇزغۇنچىلىق قىلىش رولىنى ئوينىغان. ئەمما ئۇيغۇر ئېلىدە مىليونلىغان «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى» مەۋجۇت بولسا، نېمە ئۈچۈن غايەت زور ساندا خىتاي ئىشچىلارنى «ئەمگەك كۈچى» نامىدا ئۇيغۇر ئېلىگە يۆتكەشنىڭ مەقسىتى ھەققىدە «قارار» دا ھېچقانداق سۆز قىلىنمىغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇيغۇر ئېلىدە «ھېچقانداق مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكى» تەكىتلەنگەن.
«قارار» دا «شىنجاڭدىكى ئىشلار دۆلىتىمىزنىڭ ئىچكى مەسىلىلىرى» دېيىش ئارقىلىق، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى «باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلاشقان» دەپ تەنقىدلىگەن. شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «پۈتۈن شىنجاڭدىكى يۇقىرى-تۆۋەن ئورۇنلارنى بىرلىكتە بۇنىڭغا قارشى تۇرۇشقا ھەمدە جازاغا ئۇچرىغان شىركەت كارخانىلارنى قوللاشقا چاقىرىمىز» دېيىلگەن.
