خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى 5-ئىيۇن كۈنى تور بېكىتىدە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينى خەلق قۇرۇلتىيى ماقۇللىغان «ئىستىخبارات قانۇن لايىھىسى» نى بىكار قىلىشقا چاقىردى.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ باياناتىدا خىتاي تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان «ئىستىخبارات قانۇن لايىھىسى» تەنقىدلىنىپ، «مەزكۇر قانۇن لايىھىسىدىكى ماددىلار ئىجرا قىلىنغاندا پۇقرالار شەخسى ئۇچۇرلىرى ۋە شەخسى تۇرمۇش ئالاقىلىرى سەۋەبلىكمۇ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت ئېلىپ كەلدى دېگەندەك مۈجمەل قالپاقلار كىيدۈرۈلۈپ باستۇرۇشقا ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچرىشى مۇمكىن، مانا بۇ ئەھۋال بىزنى ئەندىشىگە سېلىۋاتىدۇ» دېيىلگەن.
باياناتتا يەنە، «ئىستىخبارات قانۇن لايىھىسى» دە ئوتتۇرىغا قويۇلغان قانۇنىي بەلگىلىمىلەرنىڭ مۈجمەللىكى تىلغا ئېلىنىپ، خىتايدا بۇ خىل قانۇنىي بەلگىلىمىلەرنى نازارەت قىلىش سىستېمىسى يوقلۇقى تەكىتلەنگەن، بۇ ئەھۋاللار خىتاي بىخەتەرلىك خادىملىرى ۋە ساقچىلارغا پۇقرالارنى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش، سوراق قىلىشتەك ئىمتىيازلارنى بېرىپ، پۇقرالارنىڭ شەخسىيىتىگە ئائىت ئۇچۇرلارنىڭمۇ ساقچىلارنىڭ نازارەت دائىرىسىگە كىرىپ كېتىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.
خىتاينىڭ بەيدۇ تورىدىن مەلۇم بولۇشىچە، «ئىستىخبارات قانۇن لايىھىسى» 19-ماي كۈنى خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان. خىتاي تاراتقۇلىرىدا ئۇنىڭ مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ، مەزكۇر قانۇننىڭ خىتاي دۆلەت ئىستىخبارات ئورۇنلىرىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە ئائىت ئۇچۇرلارنى توپلاش ۋە ۋەزىپە ئىجرا قىلىش جەريانىدىكى خىزمەت تەرتىپلىرى ۋە ھوقۇقىنىڭ قانۇنىي كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى ئۈچۈن تۈزۈلگەنلىكى ئەسكەرتىلگەن.