«خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق خىزمىتى تەشكىلاتى» خىتاينى ئۇيغۇر مەسىلىسى بويىچە جاۋابكارلىققا تارتىشتا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ھەرىكەت قوللىنىشقا چاقىردى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2024.11.04

«خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق خىزمىتى تەشكىلاتى» 4-نويابىر دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى جاۋابكارلىققا تارتىشتا قىسمەن ئىلگىرىلەش بولغان بولسىمۇ، ئەمما تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ھەرىكەت قوللىنىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى بىلدۈرگەن.

دوكلاتتا قەيت قىلىنىشىچە، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىنىڭ «شىنجاڭ دوكلاتى» ئېلان قىلىنغىنىغا ئىككى يىل بولغان بولسىمۇ، لېكىن دۇنيا بۇ مەسىلىگە يەنىلا كۈچلۈك رەۋىشتە دىققەت قىلماقتا ئىكەن. دوكلاتتا، 15 غەرب دۆلىتىنىڭ 22-ئۆكتەبىر كۈنى ئاۋسترالىيە باشچىلىقىدا تۇنجى قېتىم ب د ت ئومۇمى كېڭىشىگە چاقىرىق قىلىپ، خىتاينى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىنىڭ «شىنجاڭ دوكلاتى» دىكى تەۋسىيەلەرگە ئەمەل قىلىشقا، جۈملىدىن تىبەت ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى بارلىق تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرغانلىقى تەكىتلەنگەن.

دوكلاتتا قەيت قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ «شىنجاڭ دوكلاتى» نى رەت قىلىشى، ئۇنىڭ ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى، ئافرىقا دۆلەتلىرى، كۇبا، پاكىستان، قازاقىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشى، دۆلەتلەرنىڭ «قوش ئۆلچەم» قوللىنىشى ۋە ئۇنىۋېرسال كىشىلىك ھوقۇققا ئەمەل قىلماسلىقى ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولسىمۇ، ئەمما «شىنجاڭ دوكلاتى» يەنىلا ب د ت دا خىتاي توغرىسىدىكى كىشىلىك ھوقۇق مۇنازىرىلىرىنىڭ مەركىزى نۇقتىسى بولماقتا ئىكەن.

دوكلاتتا مۇنداق دېيىلگەن: «خەلقئارا جەمئىيەت خىتايغا مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش ھەققىدە داۋاملىق بېسىم قىلىپ، ئۇنىڭ چېگراسى ئىچىدىكى بارلىق كىشىلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغدىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. » دوكلاتتا، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق خىزمىتى تەشكىلاتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ئىشخانىسىنىڭ «شىنجاڭ دوكلاتى» ۋە باشقا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق مېخانىزملىرىنىڭ تەۋسىيەلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ خىتاينى نازارەت قىلىش مېخانىزمى قۇرۇشىنى تەلەپ قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىنىڭ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى، جۈملىدىن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ۋەزىيىتىنى داۋاملىق كۆزىتىشى، «شىنجاڭ دوكلاتى» نىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىدىن ئاشكارا مەلۇمات بېرىپ تۇرۇشىنى چاقىرغان. بۇ چاقىرىق، خىتاي دۇنيادا «شىنجاڭنىڭ ئىجابىي ئوبرازى» نى تىكلەش ئۈچۈن مىسلىسىز تۈستە تەشۋىقات ھۇجۇمى قوزغىغان بىر پەيتتە ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.