ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق سوتى مالتانى ئۇيغۇرلارنى چېگرادىن چىقىرىۋەتمەسلىككە بۇيرۇغان
2023.01.18
بۇ يىل 1-ئاينىڭ 16-كۈنى، ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق سوتى مالتانى بۇ دۆلەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ئەر-ئايالنى چېگرادىن چىقىرىۋەتمەسلىككە بۇيرۇغان.
«قوغدىغۇچى» تورىنىڭ 17-يانۋار كۈنى بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مۇھاجىرەتتىكى بىر جۈپ ئۇيغۇر ئەر-ئايال 2016-يىل مالتاغا كېلىپ پاناھلىق تەلەپ قىلغان، ئەمما بۇ ئىلتىماسى 2017-يىل رەت قىلىنغاندىن كېيىن ئۇلار مالتادا نەچچە يىل يوشۇرۇنۇپ ياشاشقا مەجبۇر بولغان. 2022-يىلغا كەلگەندە ئۇلار قايتا ئىلتىماس سۇنۇپ، ئۆزلىرىنى مالتادىن قايتۇرۇۋەتمەسلىكنى تەلەپ قىلغان، ئەمما 2023-يىل 1-ئاينىڭ 12-كۈنى يەنە رەت قىلىنغان. مالتا ھۆكۈمىتى ئۇلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلىدىغانلىقىنى، كەلگۈسى بىر نەچچە كۈن ئىچىدە نۆۋەتچى ئايروپىلان ئېنىق بولغان ھامان ئۇلارنى يولغا سېلىپ قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە ئۇلارنىڭ تېلېفونىنى ئېلىۋالغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ ئۇيغۇر ئەر-ئايال مالتادا ياشاۋاتقان مەزگىلدە مالتا ھۆكۈمىتى ئۇلارغا ھېچقانداق ياردەم بەرمىگەن ۋە ئۇلار خىتايغا قايتۇرۇلغان تەقدىردە زىيانكەشلىككە ئۇچرايدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئىلتىماسىنى رەت قىلغان.
ئاينىڭ 13-كۈنى مالتادىكى ھۆكۈمەتسىز تەشكىلات «ئادىتۇس فوندى» (Foundation Aditus) بىلەن ئىسپانىيەدىكى ھۆكۈمەتسىز تەشكىلات «قوغدىغۇچى» (SafeGuard Defenders) ياۋروپا سوتىغا ئەرز سۇنۇپ، مالتاغا ئوخشاش ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كېلىشىمىگە داۋاملىق سەل قاراۋاتقانلىقى، ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق جىنايىتى داۋام قىلىۋاتقان ھەمدە بۇ ئىككى پاناھلىق تىلىگۈچىنىڭ زۇلۇمغا ئۇچرىغانلىق پاكىتلىرى ئېنىق ئەھۋالدا، ئۇلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغدىمىغانلىقىنى ئەيبلىگەن ھەمدە ئۇلارنى خىتايغا قايتۇرماسلىق كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ياۋروپا سوتى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى مالتاغا ئۇقتۇرۇش يوللاپ، بۇ ئۇيغۇر ئەر-ئايالنى خىتايغا قايتۇرماسلىققا بۇيرۇغاندىن كېيىن ئادىتۇس فوندى ئىپادە بىلدۈرۈپ: «ياۋروپا سوتىنىڭ بۇ بۇيرۇقى مالتانىڭ پاناھلىق سىياسىتى ۋە ئۇنىڭ رەسمىيەتلىرىگە بېرىلگەن بىر تەنقىد. ئۇلار دائىم پاناھلىققا ئەڭ مۇھتاج كىشىلەرگە، يەنى قەبىھ زوراۋانلىق ۋە زىيانكەشلىكتىن قېچىپ كەلگەنلەرگە سەل قارايدۇ» دېگەن.