فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، ئاۋسترالىيەدىكى نوپۇزلۇق تاشقى سىياسەت تەتقىقات ئورگىنى بولغان «لوۋېي ئىنستىتۇتى» نىڭ تور بېتى خىتاينى مەنبە قىلغان تور ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. يۇقىرىدىكى بۇ ھۇجۇمنىڭ دەل ئاۋسترالىيەدە ئۇيغۇر مەسىلىسى بويىچە جىددىي پائالىيەت ۋە ئۇچرىشىشلار داۋام قىلىۋاتقاندا يۈز بېرىشى كۈچلۈك دىققەت قوزغىدى. چۈنكى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا، ئۆمەر قانات ۋە نۇرىي تۈركەل قاتارلىق ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن تەشكىللەنگەن ئۆمەك 5-دېكابىر كۈنى دەل مۇشۇ «لوۋېي ئىنستىتۇتى» دا ئۇيۇشتۇرۇلغان سۆھبەت يىغىنىغا قاتنىشىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان ئىدى.
ئاۋسترالىيە دۆلەت بىخەتەرلىكىگە ئالاقىدار بىر خادىم فىرانسىيە ئاگېنتلىقىغا قىلغان سۆزىدە ئەسكەرتىشىچە، خىتاي خاككېرلىرىنىڭ بۇ ئورگان تور بېتىگە ھۇجۇم قىلىشىدىكى سەۋەب ئۇنىڭ ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسەتلىرىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئورگان بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
3-دېكابىر كۈنى، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي پائالىيەتلىرىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن ئاۋسترالىيە پارلامېنت ئەزاسى مايكىل دەنبىي ئاۋسترالىيە پارلامېنتىدا ئاۋسترالىيەگە خاس «ماگنېتسكىي قانۇنى لايىھىسى» نى تونۇشتۇرۇش ئارقىلىق ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرىنىڭ جازالىنىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلغان. ئۇ ئاۋسترالىيە پارلامېنتى ئەگەر بۇنداق بىر قانۇننى ماقۇللىغان تەقدىردە، بۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن يىغىۋېلىش لاگېرىغا قامالغان بىر مىليوندىن ئوشۇق ئۇيغۇرنىڭ مەسىلىسىنىڭ ئۇنتۇلۇپ كېتىلمەسلىكى ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھەيئىتى بۇ ھەپتە ئىچىدە ئاۋسترالىيە دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتى، سىدنېي تېخنولوگىيە ئۇنىۋېرسىتېتى، ئاۋسترالىيە لا تروپ ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە «لوۋېي ئىنستىتۇتى» قاتارلىق ئورۇنلاردىكى مۇھىم پائالىيەتلەرگە ئىشتىراك قىلىدۇ.