خېنەندىكى بىر ئېتىلداق زاۋۇتىدا پارتلاش يۈز بېرىپ، 10 ئادەم ئۆلگەن

مۇخبىرىمىز جۈمە
2016.01.16


خىتاينىڭ چاغان بايرىمى كېلىش ئالدىدا خېنەندىكى بىر ئېتىلداق زاۋۇتىدا پارتلاش يۈز بېرىپ، 10 ئادەم ئۆلگەن، 7 ئادەم يارىلانغان.

خىتاي كۈندىلىك گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھادىسە شۇ جاي ۋاتى 15 - يانۋار ئەتىگە سائەت 11 دە كۆرۈلگەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتە تارقاتقان نەق مەيدان سۈرەتلىرىگە قارىغاندا، زاۋۇت بىر ئېتىزلىقنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان بولۇپ، پارتلاشقا كىچىك تىپتىكى بۇ زاۋۇت پۈتۈنلەي تۈزلىنىپ كەتكەن.

خىتاينىڭ بۇ يىللىق چاغان بايرىمىغا يەنە بىر نەچچە ھەپتىلا قالدى، خىتاينىڭ ئەنئەنىسى بويىچە بۇ خىتايدا ئېتىلداق ئەڭ بازار تاپىدىغان مەزگىل بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

زاۋۇتلاردىكى خىزمەت بىخەتەرلىكى مەسىلىسى خىتايدىكى ئەڭ چوڭ مەسىلىلەرنىڭ بىرى. 2005 - يىلى شەنشىنىڭ شياڭفەن ناھىيىسىدىكى بىر ئېتىلداق زاۋۇتىدا پارتلاش يۈز بېرىپ، 25 ئادەم ئۆلگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.