ياۋروپا كومىسسىيونىنىڭ رەئىسى ئۇرسۇلا ۋون دېر لېيېن خىتاي يۈرگۈزۈۋتقان دىپلوماتىيەگە قارشى ياۋروپانىڭ چوقۇم دىپلوماتىك ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن خەتەردىن ساقلىنىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ خىتاينىڭ ئسىلاھات دەۋرىدىن ھالقىپ، قامال دەۋرىگە قەدەم قويغانلىقىنى ئەسكەرتىپ تۇرۇپ: «خىتاينىڭ ئىقتىسادىي كۆلىمى ۋە يەرشارىنىڭ تەسىرىنى كۆزدە تۇتقاندا، ياۋروپا بىرلەشمىسىنىڭ بۇ مۇناسىۋەتنى توغرا ئىدارە قىلىشى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىقتىسادىنىڭ گۈللىنىشى ۋە بىخەتەرلىكىنى بەلگىلەيدىغان ئامىل بولۇپ قالىدۇ» دېگەن.
ئۇ سۆزىدە يەنە: «خىتاينىڭ پۇتىننىڭ ئۇرۇشىغا قانداق يوسۇندا ئارىلىشىدىغانلىقى ياۋروپا-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشىدىكى ھەل قىلغۇچ ئامىل بولۇپ قالىدىغانلىقىنى» تەكىتلىگەن.
رويتېرسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇرسۇلا ۋون دېر لېيېن كېلەر ھەپتە فىرانسىيە پرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون بىلەن بىرلىكتە خىتاينى زىيارەت قىلىدىغان بولۇپ، ئۇ بۇ سۆزلەرنى زىيارىتىدىن ئاۋۋال يەنى 30-مارت كۈنى بىريۇسسېلدا قىلغان.
30-مارت كۈنى يەنە، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، كېلەر ھەپتە خىتايدا زىيارەتتە بولىدىغان ياۋروپا كومىسسىيونىنىڭ رەئىسى ئۇرسۇلا ۋون دېر لېيېن ۋە فىرانسىيە پرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكروننى زىيارىتىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا چاقىرغان.
مەزكۇر ئورگان باياناتىدا: «يۇقىرىدىكى ئىككى رەھبەرنى شى جىنپىڭ بىلەن ئۇچراشقاندا ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بېرىۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇ جىنايەت ھەققىدىكى ئەندىشىلىرىنى ئوچۇق-ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇشقا چاقىرغان. باياناتتا يەنە، ئۇلارنىڭ ساخاروف مۇكاپاتى ساھىبى ئىلھام توختىنىمۇ سۈرۈشتۈرۈشى تەلەپ قىلىنغان.
بۈگۈن، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ باش دىرېكتورى تىرانا ھاسانمۇ تىۋىتتىر ئارقىلىق قىلغان سۆزىدە ئۇرسۇلا ۋون دېر لېيېن ۋە فىرانسىيە پرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكروننى خىتايدىكى زىيارىتىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلى، تىبەت ۋە خوڭكوڭدىكى دەپسەندىچىلىكلىرى ھەققىدە سۆزلەشكە دەۋەت قىلغان.