خىتاي ھۆكۈمىتى «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش» خىزمىتىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرمەكتە
2024.07.25
خىتايچە «شىنجاڭ گېزىتى» ۋە «تەڭرىتاغ تورى» 24-ئىيۇل كۈنى چىقارغان خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، 7-ئاينىڭ 24-كۈنى «2024-يىللىق شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى» چاقىرىلغان.
يىغىندا خىتاي كومپارتىيەسى 20-نۆۋەتلىك 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، شى جىنپىڭنىڭ «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك پىلانى» نى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش مۇزاكىرە قىلىنغان ھەمدە كېلەركى يېرىم يىللىق خىزمەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
«شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش» خىتاي كومپارتىيەسى باش سېكرېتارى شى جىنپىڭ 2020-يىل «3-قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى» دا ئوتتۇرىغا قويغان «شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسى» بولۇپ، ئۇنىڭدا «مەدەنىيەت بىر دۆلەت ۋە بىر مىللەتنىڭ روھى. جۇڭخۇا مەدەنىيىتى بولسا جۇڭخۇا مىللەتلىرى بەرپا قىلغان روھىي بايلىق بولۇپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ مەنىۋى خاسلىقىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، شۇنداقلا ئۇ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت مەدەنىيىتىنىڭ كېلىش مەنبەسى ۋە جەۋھىرى. ئۇ ئۆز نۆۋىتىدە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ مەنىۋى يۆلەنچۈكى، ئۇلارنىڭ قەلبى مەنسۇپ بولغان مەنىۋىيەت باغچىسى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت تەرەققىياتىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى» دېيىلگەن.
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان «خىتاي ھۆكۈمىتى ‹شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش› سىياسىتى بىلەن مۇستەملىكىچىلىك ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى تېزلەشتۈرمەكتە» ناملىق دوكلاتىدا، شى جىنپىڭ بۇ يەردە دەۋاتقان مەدەنىيەتنىڭ خىتاي تىلى ۋە مەدەنىيىتى ئىكەنلىكىنى، «ئوزۇقلاندۇرۇش» دېگىنىنىڭ خىتايغا خاس مەدەنىيەتنى ئۇيغۇرلارغا سىڭدۈرۈش ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام ئېتىقادىنى خىتايچىلاشتۇرۇش ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەنىدى. بۇ قېتىمقى يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان خىزمەت نىشانى بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىلدىكى خىتايلاشتۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە تېخىمۇ كۈچلۈك داۋام قىلىدىغانلىقىدىن بېشارەت، دەپ قارالماقتا.