باشقا مىللەتلەرنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتىنى كۈچەپ يۈرگۈزۈۋاتقان شى جىنپىڭ، خىتاي نوپۇسىنىڭ جىددىي ئازلاپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ، خىتاي ئاياللىرىنى بالا تۇغۇشقا ئۈندىگەن.
«رويتېرس ئاگېنتلىقى» نىڭ 30-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي كومپارتىيە باش سېكرېتارى شى جىنپىڭ خىتاي نوپۇسىنىڭ قېرىلىشىش ۋە تۇغۇش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «ئاياللار چوقۇم ھەل قىلغۇچ رول ئويناپ، يېڭى ئائىلە مۇھىتى بەرپا قىلىشى كېرەك» دېگەن.
شى جىنپىڭ يەنە، خىتاي ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ بۇ جەھەتتە ئاكتىپ رول ئوينىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ: «ئاياللار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش-ئاياللارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەھەتتىلا ئەمەس، ئائىلە ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە خىتايلارنىڭ گۈللىنىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ئىشتۇر» دېگەن.
شى جىنپىڭ خىتاي ياشلىرىغا توي قىلىشنى ۋە خىتاينىڭ ئائىلە مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان. ھالبۇكى، خىتايدا بالا بېقىش تەننەرخى يۇقىرى، ئىشسىزلىق ئېغىر، جىنسىي ئايرىمىچىلىق ۋە توي قىلىشنى خالىماسلىق خاھىشى كۈچلۈك بولۇپ، خىتاي قىزلىرى بالا تۇغۇشتىن قاچىدىغان ئەھۋال شەكىللەنگەن. مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىتايدا تۇغۇلۇش نىسبىتى 60 يىلدىن بۇيان ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا چۈشكەن، قېرىلىشىش نىسبىتى ئۆرلىگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى 40 يىل پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى يولغا قويۇپ، ئۇيغۇر نوپۇسىنى تىزگىنلىگەن، يېقىنقى يىللاردا ئۇيغۇر ئاياللىرىنى مەجبۇرىي تۇغماس قىلىپ، ئۇيغۇر نوپۇسىدا جىددىي تۆۋەنلەش پەيدا قىلغانىدى. نۆۋەتتە بۇلار خىتاينىڭ باشقا مىللەتنى ئازلىتىپ يوق قىلىپ، خىتايلارنى كۆپەيتىشتەك ئەشەددىي مىللەتچىلىكىنىڭ تىپىك ئىپادىسى، دەپ قارالماقتا.