شى جىنپىڭ ترامپنىڭ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىغا ئۆزىنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىلىنى ئەۋەتىدىكەن
2025.01.10
ئەنگلىيەنىڭ «مالىيە ۋاقتى» گېزىتى، خىتاي باش سېكرېتارى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى سايلانغان ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ 20-يانۋار كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىغا، ئۆزىنىڭ بارمايدىغانلىقى، ئەمما ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىلىنى ئەۋەتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ سودا، گېئو-سىياسىي، تەيۋەن، ئۇيغۇر، خوڭكوڭ ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر ساھەدىكى ئىختىلاپى ۋە رىقابىتى ئۆتكۈرلىشىپ كەتكەن بىر پەيتتە، دونالد ترامپ تۇنجى قېتىم بىر خىتاي رەھبىرىنى ئۇنىڭ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمى تەكلىپ قىلغانىدى. شى جىنپىڭنىڭ مۇراسىمغا قاتنىشىش-قاتناشماسلىقى خەلقئارا جامائەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا ئىدى. «مالىيە ۋاقتى» گېزىتىنىڭ ۋەزىيەتتىن خەۋەردار بىر قانچە كىشىدىن ئىگىلىشىچە، بېيجىڭ دونالد ترامپنىڭ ھوقۇق ئۆتكۈزۈۋېلىش ئۆمىكىگە خەۋەر بېرىپ، شى جىنپىڭنىڭ ئورنىغا ئۇنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ۋەكىلىنىڭ قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
نۆۋەتتە، شى جىنپىڭنىڭ مۇراسىمغا كىمنى ئەۋەتىدىغانلىقى ئېنىق بولمىسىمۇ، ئەمما «مالىيە ۋاقتى» گېزىتى ۋەزىيەتتىن خەۋەردار مەنبەلەرنىڭ مۇراسىمغا خىتاينىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خەن جېڭنىڭ ئەۋەتىلىشى مۇمكىنلىكى، شۇنداقتىمۇ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنىڭ يەنە بىر كاندىدات بولۇش ئېھتىمالىمۇ بار، دېگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. لېكىن بۇ گېزىتنىڭ ۋەزىيەتكە يېقىندىن ئالاقىدار بىر كىشىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، ترامپنىڭ مەسلىھەتچىلىرى خەن جېڭ ياكى ۋاڭ يىنىڭ ئورنىغا، تېخىمۇ ئەمىلى ھوقۇقى بولغان خىتاي كومپارتىيەسى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، مەركىزى سېكرىتارىياتىنىڭ سېكرېتارى، مەركىزى كومىتېت ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى سەي چىنىڭ كېلىشىنى خالايدىكەن.
خەۋەردە، شى جىنپىڭنىڭ ۋەكىلى بىلەن ترامپنىڭ ھوقۇقنى ئۆتكۈزۈۋېلىش ئۆمىكى سۆھبەت ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ترامپ ئۆتكەن ئايدا شى جىنپىڭنى مۇراسىمغا رەسمىي تەكلىپ قىلغان. ئەينى ۋاقىتتا مۇتەخەسسىسلەر، ئامېرىكانىڭ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ گېئو-سىياسىي رەقىبىنىڭ ئامېرىكا پىرېزىدېنتىنىڭ قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىشى، مىسلى كۆرۈلمىگەن بىر ۋەقە، شۇنداقلا بىر «سىياسىي تىياتىر» بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان. 20-يانۋار ھازىرقى پىرېزىدېنت بايدېندىن ھوقۇق ئۆتكۈزۈۋالىدىغان ترامپ، بۇ ھەپتىنىڭ باشلىرىدا شى جىنپىڭ بىلەن ۋەكىللىرى ئارقىلىق سۆزلەشكەنلىكى، ئۆزىنىڭ دەۋرىدە ئۇنىڭ بىلەن «ياخشى چۈشىنىش» ھاسىل قىلىشىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.