«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتى: «شى جىنپىڭ ئۆزىگە خاس ھاكىممۇتلەقلىق بىلەن خىتاينى بوغماقتا»

6-نويابىر كۈنى «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىدە «شى جىنپىڭنىڭ ئۆزىگە خاس ھاكىممۇتلەقلىق ئارقىلىق خىتاينى بوغۇشى» ماۋزۇلۇق بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىندى.


ئامېرىكادىكى داڭلىق خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى، يازغۇچى جون پومفېرت تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ماقالىدە شى جىنپىڭ خىتايدا ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەندىن بۇيان مۇتلەق كونترولنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىجتىمائىي ھوقۇقلارغا ئۈزلۈكسىز زەربە بەرگەنلىكى بايان قىلىنغان.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: «شى جىنپىڭ دۆلەت مىقياسىدا بىر مىليوندىن ئوشۇق كادىر-ئەمەلدارنى ۋە ئۆزىنىڭ سىياسىي رەقىبلىرىنى ‹چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش› نامى ئاستىدا يىغىشتۇردى، ئۇنىڭ ھاكىمىيىتى ئەڭ ھەرىكەتچان رايون بولغان شىنجاڭنى قاتتىق باستۇردى. ئۇ بۇ رايوندا بىر مىليوندىن ئوشۇق ئۇيغۇرنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامىغانلىقى ئۈچۈن ھېچقانداق جازاغا تارتىلمىدى.»

ئاپتور جون پومفېرت يەنە ماقالىسىدە خىتاينىڭ ھازىرقى تەرەققىياتىنىڭ ھەرگىزمۇ كومپارتىيەنىڭ نەتىجىسى ئەمەسلىكىنى تەكىتلەپ، ئەكسىچە ئۇنىڭ خىتاي خەلقىنىڭ تېخىمۇ ياخشى ياشاشتەك ئارزۇلىرىغا پالتا چېپىۋاتقانلىقىنى، ئۇنىڭ ئاكادېمىيە، ئاخبارات، قانۇن ۋە باشقا ساھەلەرنى باستۇرۇپلا قالماي، بەلكى ئىقتىساد ۋە قانۇن ساھەلىرىنىمۇ كونترول قىلىشقا ئۆتكەنلىكىنى بايان قىلغان. ئۇ ماقالىسىدە خوڭكوڭ ۋە ئۇيغۇر رايونىنى نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن زور رىقابەت تەشكىل قىلىۋاتقان ئىككى رايون، دەپ كۆرسەتكەن.