خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ 19-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى باشلىنىش ھارپىسىدا خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ھەربىي ساھەسىدىكى مۇھىم خادىملارنى ئالماشتۇرۇشقا ۋە يېقىنلىرىنى يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەللەرگە قويۇشقا باشلىغان.
رويتېرسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ نۆۋەت ئالماشتۇرۇلغان ھەربىي ئەمەلدارلار ئىچىدە قۇرۇقلۇق ئارمىيە ۋە ھاۋا ئارمىيەلىرىنىڭ قوماندانلىرى بار ئىكەن.
خەۋەرگە قارىغاندا، خەن ۋېيگو خىتاي قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ باش قوماندانى قىلىپ ئۆستۈرۈلگەن. خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، خەن ۋېيگو ئەسلىدە بۇ يۇقىرى ئورۇنغا لايىق ئورۇندا بولمىسىمۇ، 2015-يىلىدىن بۇيان ئۇدا ئۈچ قېتىم تىز سۈرەتتە ئۆستۈرۈلۈپ بۇ ئورۇنغا ھازىرلانغان ئىكەن.
ئۇ ئەسلىدە بېيجىڭنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەركىزىي ھەربىي رايوننىڭ كوماندىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن ئىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا دىڭ لەيخاڭنىڭ ھاۋا ئارمىيە قوماندانى قىلىپ تەيىنلەنگەنلىكى خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن جۈمە كۈنى ئېلان قىلىنغان.
ئۇنىڭدىن باشقا خىتاينىڭ يېڭى دېڭىز ئارمىيە قوماندانى شېن جىڭلوڭ بۇ يىل يانۋاردا مەزكۇر ئورۇنغا تەيىنلەنگەن.
خەۋەردە نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، بۇ ئىشتىن خەۋەردار كىشىلەر شېننىڭ شى جىنپىڭ بىلەن ئىچقويۇن-تاشقويۇن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشكەن.
ئۇنىڭدىن باشقا خىتاي قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ سابىق باش قوماندانى لى زوچېڭ خىتاي مەركىزىي ھەربىي كومىتېتى بىرلەشمە شتاب باشلىقلىرى بۆلۈمىنىڭ باش شتاب باشلىقى قىلىپ ئۆستۈرۈلگەن.
رويتېرستا كۆرسىتىشىچە، يۇقىرىدا تىلغان ئېلىنغان ئاتالمىش مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى بىرلەشمە شتاب باشلىقلىرى بۆلۈمىنى شى جىنپىڭ ئۆتكەن يىلى ئۆز قولى بىلەن قۇرۇپ چىققان بولۇپ، مەزكۇر بۆلۈم ئۇنىڭ ھەربىي ئىسلاھاتىدىكى ھالقىلىق ئورۇپ بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
ياپونىيەدىن چىقىدىغان ئاسىيا نىككېي خەۋەرلەر تورىدا كۆرسىتىشىچە، ھەربىي ساھەسىدىكى بۇ خىل تەڭشەش، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ بۇ يىل كۈزدە ئېچىلىدىغان پارتىيە قۇرۇلتىيىدىن ئاۋۋال ئۆزىنىڭ ھوقۇقىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن.
خىتاي دائىرىلىرى خىتاي كومپارتىيىسى 19-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىنىڭ 18-ئۆكتەبىر ئېچىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.