شۆھرەت زاكىر شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنى ئىجتىمائىي مۇقىملىققا ھەسسە قوشۇشقا چاقىردى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2016.06.19


ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئۆتكەن ھەپتە ئۇيغۇر رايونىدىكى ئەڭ چوڭ ۋە تارىخى ئۇزۇن «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى»دا تەكشۈرۈش خىزمىتىدە بولۇپ، ئۇنىۋېرسىتېت رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىش ئۆتكۈزگەندە بىر قاتار مەسىلىلەر قاتارىدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمىنلىكى ئۈچۈن ھەسسە قوشۇشقا چاقىردى.

شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شۆھرەت زاكىرغا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پەخرى مۇدىرىلىق سالاھىيىتى بېرىلگەن بولۇپ، ئۇ 17 - ئىيۇن كۈنى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن مەخسۇس مۇراسىمدا پەخرى مەكتەپ مۇدىرىلىق كىنىشكىسىنى تاپشۇرۇۋالغان.

شۆھرەت زاكىر مەكتەپ رەھبەرلىرى ۋە ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارغا سۆزلىگەن دوكلاتىدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىرىشىپ، «غەربتىكى ئىلغار، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بىرىنچى دەرىجىلىك، خەلقئاراغا تونۇلغان ئۇنىۋېرسىتېت»قا ئايلىنىش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

بولۇپمۇ ئۇ سۆزىدە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ سۆز - ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى «ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەم ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش ئىجراچىلىرى ۋە باشلامچىلىرى» قىلىپ تەربىيىلىشىنى تەلەپ قىلغان.

ئۇ يەنە «بۆلگۈنچىلىكنىڭ سىڭىپ كىرىشىگە قارشى مۇستەھكەم ئىدىيىۋى مۇداپىئە سېپى» بەرپا قىلىشنىمۇ تىلغا ئالغان.

تارىخى مەلۇماتلاردىن قارىغاندا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى شىنجاڭ ئىنستىتۇتى نامىدا 1935 - يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، 1960 - يىلى رەسمىي ئۇنىۋېرسىتېت بولغان. ئىلگىرى - ئاخىرى ئابلەت ئابدۇرېشىت، ئىسمائىل تىلىۋالدى قاتارلىقلار مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ پەخرىي مۇدىرى بولغان بولۇپ، بۇ قېتىم نۆۋەت شۆھرەت زاكىرغا كەلگەن.

شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئەڭ كۆپ جايلاشقان ئىلىم دەرگاھى ۋە ئۇيغۇر زامانىۋى ئالىي مائارىپىنىڭ مۇھىم بۆشۈكى بولۇپ، مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرى، 1985 - يىلى 12 - دېكابىردا ۋە 1988 - يىلى،6 - ئايدا كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق نامايىش ھەرىكەتلىرى ئېلىپ بارغان، 2009 - يىلىدىكى 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى نامايىشىدىمۇ مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تەسىرى بولغانلىقى ئېيتىلماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.