خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ 19-قۇرۇلتىيى باشلىنىشقا ئاز ۋاقىت قالغاندا چاقىرىلغان خىتاي كومپارتىيىسى 18-قۇرۇلتىيىنىڭ 7-ئومۇمىي يىغىنىدا 15 نەپەر سابىق يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبىرى شەخسكە كومپارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىش جازاسى بېرىشكە ئائىت قارار مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن.
«ئامېرىكا ئاۋازى» نىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي 18-قۇرۇلتىيىنىڭ مەزكۇر ئەڭ ئاخىرقى، يەنى، 7-قېتىملىق ئومۇمى يىغىنى شەنبە كۈنى باشلانغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق 19-قۇرۇلتاينىڭ ئاخىرقى تەييارلىقى ۋە شى جىنپىڭ قاتارلىقلارنىڭ ئورنى بېكىتىلىدۇ.
مەزكۇر يىغىندا بىردەك مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن خىتاي مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى جازالاپ، سىياسىي بيۇرو تەستىقلىغان پارتىيىدىن چىقىرىلىش جازاسىغا ئۇچرىغان 15 كىشىنىڭ ئىچىدە، خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزى كومىتېتى ئەزاسى، خىتاي ئەدلىيە مىنىستىرى ۋۇ ئەييىڭ، چوڭچىڭ شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى سۇن جېڭسەي، تيەنجىن شەھىرىنىڭ باشلىقى ۋە تيەنجىن پارتكوم مۇۋەققەت سېكرېتارى خۇڭ شىنگو، خىتاي دۆلەتلىك ئىستراخۇانىيە باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىش كومىتېتىنىڭ رەئىسى شياڭ جۈنبو قاتارلىق سابىق ئەمەلدارلار شۇنىڭدەك يەنە گەنسۇ ۋە باشقا بىر قانچە ئۆلكە رەھبىرى ھەم خىتاي قوراللىق كۈچلىرىنىڭ بىر قانچە نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك قوماندانى بار ئىكەن.
بۇلارنىڭ ئىچىدىكى چوڭچىڭ پارتكوم سېكرېتارى سۇن جېڭسەي قاتارلىقلارنىڭ 19-قۇرۇلتايدا سىياسىي بيۇروغا كىرىش رىقابىتى كۈچلۈك شەخس ئىكەنلىكى تەھلىل قىلىنغان ئىدى.
خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ 19-قۇرۇلتىيى خىتاينىڭ ئىچكى قىسمىدىلا ئەمەس، بەلكى خەلقئارادىمۇ زور دىققەت قوزغاۋاتقان بولۇپ، بۇ قۇرۇلتاينىڭ شى جىنپىڭنىڭ خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئۆزىگە قارشى تۇرغۇچى گۇرۇھلارنى بىر تەرەپ قىلىپ، ھاكىمىيەت ۋە ئۆز ئورنىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىيەلىشى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى تەھلىل قىلىنماقتا.