شى جىنپىڭ 3-قېتىم خىتاينىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا كېلىشى بىلەن تەڭ خىتاينىڭ پاي چېكى چۈشۈپ كەتكەن
2022.10.24
22-ئۆكتەبىر كۈنى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 20-قۇرۇلتىيىنى ئاياغلاشتۇرۇپ، «خىتاينىڭ ئۆمۈرلۈك پادىشاھى» لىق تاجىنى كىيگەن شى جىنپىڭ ئۆز ئادەملىرىدىن تەشكىل تاپقان يېڭى رەھبەرلىك گۇرۇھىنى باشلاپ، مۇخبىرلارنىڭ ئالدىغا چىققان. شۇنىڭدىن باشلاپ، خىتاينىڭ چوڭ شىركەتلىرى ئۆزىنىڭ ئەڭ قاراڭغۇ كۈنلىرىنى كۈتۈۋالغان.
«بلومبېرگ» تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شى جىنپىڭنىڭ 3-قېتىم خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ چىقىشى بىلەن تەڭ، خىتايدىكى ئەڭ چوڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىسى بولغان «ۋىچات»، ئەڭ چوڭ سودا سۇپىسى بولغان «ئەلى بابا» ۋە «جىندۇڭ»، ئەڭ چوڭ ئىزدەش تورى بولغان «بەيدۇ» قاتارلىق چوڭ شىركەتلەرنىڭ پېيى بىراقلا چۈشۈپ كەتكەن، شىركەت خوجايىنلىرى بىر كۈندە 9 مىليارد دوللار زىيان تارتقان.
«KGI ئاسىيا» نىڭ خوڭكوڭدا تۇرۇشلۇق مەبلەغ سېلىش ئىستراتېگىيەسى مۇتەخەسسىسى كېننى ۋېننىڭ قارىشىچە، پاي چەكتىكى بۇ چۈشۈش، خىتاي بازىرىغا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ پىسخىكىسىدىكى ئېغىر تەۋرىنىشنى كۆرسىتىدىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي شىركەتلىرى خوڭكوڭ بازىرى ئارقىلىق ئامېرىكانىڭ پاي چېكى بازىرىغا كىرگەن بولۇپ، «بلومبېرگ» تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ھازىر خوڭكوڭنىڭ پاي چېكى بازىرىدا پايچىكلاردا قورقۇش ۋە خىتاينىڭ يوقىرىقى شىركەتلىرىنىڭ پېيىنى سېتىپ قۇتۇلۇش يۈزلىنىشى پەيدا بولغان. بۇنىڭدىكى سەۋەب، شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتى كوۋىد سەۋەبىدىن پۇقرالىرىنى قامال قىلىش سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىنى ئاللىقاچان ۋەيران قىلىشقا باشلىغان بولۇپ، بۇ سىياسەتنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى مەلۇم بولغاندىن كېيىن، كۆپلىگەن مەبلەغ سالغۇچىلار خىتاي بازىرىدىن ئۈمىدسىزلىنىشكە باشلىغان.