خىتاي ئامېرىكانىڭ 28 شىركىتىگە ئېكسپورت چەكلىمىسى قويغان
2025.01.02
خىتاي ئامېرىكانىڭ 28 شىركىتىنى «دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە مەنپەئەتىنى قوغداش» يۈزىسىدىن ئېكسپورت چەكلىمىسى تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن.
«رويتېرس ئاگېنتلىقى» نىڭ 2-يانۋار كۈنى بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي مال ئېكسپورت قىلىشنى چەكلىگەن بۇ ئامېرىكا شىركەتلىرى ئىچىدە ھەممىباب دىنامىكىلىق كۈچ شىركىتى (GD. N)، بويىن شىركىتى مۇداپىئە ئىشلىرى مەركىزى، ئالەم بوشلۇقى ۋە خەۋپسىزلىك شىركىتى، لوكىد مارتېن شىركىتى، رايتون باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە شىركىتى قاتارلىقلار بار ئىكەن. خىتاي سودا مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي 2-يانۋار كۈنىدىن باشلاپ بۇ شىركەتلەرگە قوش ئىستېمال بۇيۇملىرى، يەنى خەلق ئىستېمالىغا ھەم ھەم ھەربىي ئىشلارغا ئىشلەتكىلى بولىدىغان ئىستېمال بۇيۇملىرىنى ئېكسپورت قىلىشنى چەكلەيدىكەن.
«نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ 2-يانۋار بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي يەنە تەيۋەنگە قورال سېتىشقا مۇناسىۋەتلىك بولغان 10 ئامېرىكا شىركىتىگە مال ئېكسپورت قىلىشنى چەكلەيدىكەن ھەم ئۇلارنىڭ خىتايدا سودا قىلىشىنى، شىركەت دىرېكتورلىرىنىڭ خىتايغا كىرىپ-چىقىشىنى مەنئى قىلىدىكەن.
خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن: «بىر نەچچە ھەپتىدىن كېيىن ئامېرىكانىڭ پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرىدىغان دونالد ترامپ خىتايغا ئېغىر تاموژنا بېجى قويىدىغانلىقىغا ۋەدە بەرگەنىدى. دېمەككى، خىتاي بۇ ئېكسپورت چەكلىمىسى ئارقىلىق ئامېرىكاغا قايتۇرما زەربە بېرىشكە تەييارلىنىپ بولغانلىقىنى بىلدۈردى».
ئامېرىكادىكى «شىركەتلەر ئۇچرايدىغان خەتەرنى كونترول قىلىش مەركىزى» دىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرىمۇ بۇ شىركەتلەرگە تار دائىرىدە بەزى چەكلىمىلەرنى قويۇپ كەلگەن. ئەمما بۇ شىركەتلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ خىتايدىكى تىجارەت كۆلىمى ئۇنچە چوڭ ئەمەس ئىكەن.