خىتاي ئادۋوكاتلىرى خەلق قۇرۇلتىيىنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسىنى تېزرەك تەستىقلاشقا چاقىردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2013.12.31

خىتايدىكى 100 دىن ئارتۇق كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى سەيشەنبە كۈنى چاقىرىقنامە ئېلان قىلىپ، خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنى ب د ت نىڭ «ۋەتەنداشلىق ھوقۇقى ۋە سىياسىي ھەقلەر ئەھدىنامىسى» نى تېزرەك تەستىقلاشقا چاقىردى.

چاقىرىقنامىدە بىلدۈرۈشىچە، جۇڭگو بۇنىڭدىن 15 يىل ئاۋۋال مەزكۇر خەلقئارا ئەھدىنامىگە ئىمزا قويغان بولسىمۇ، بىراق ئەھدىنامىنى تەستىقلاشنى ھازىرغا قەدەر كېچىكتۈرۈپ كەلگەن. 2013‏-ئەمەلدارلارنىڭ مال-مۈلكىنى ئاشكارىلاشنى تەلەپ قىلغان پۇقرالارنى، سوت مەھكىمىسىدە ئاقلىغۇچىلىق قىلغان ئادۋوكاتلارنى، توردا ھۆكۈمەتنى تەنقىد قىلغۇچىلارنى تۇتقۇن قىلىش ۋە ئۇرۇش ۋەقەلىرى داۋاملىق سادىر بولغان.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ئەرزىيەت ئىشلىرىغا ئارىلىشىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى قانۇنسىزلىق بىلەن تەنقىدلەپ كەلگەن بېيجىڭلىق ئادۋوكات جياڭ تيەنيۇڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2013‏-يىلى ئاساسى كىشىلىك ھوقۇققا، ب د ت ۋەتەنداشلىق ھوقۇقى ۋە سىياسىي ھەقلەر ئەھدىنامىسىگە چېتىشلىق نۇرغۇن ۋەقە يۈز بەرگەن. جياڭ تيەنيۇڭ بۇرۇن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۈرۈمچى «5‏-ئىيۇل ۋەقەسى»دە قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇرلارغا ئاچقان سوتىنى تەنقىدلەپ، سوتنىڭ قانۇن تەرتىپكە پۈتۈنلەي خىلاپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

مەزكۇر چاقىرىقنامىگە ئىمزا قويغان جېجياڭلىق ئادۋوكات ۋاڭ چېن مۇنداق دېگەن: ھەر قانداق بىر دۆلەتتىكى پۇقرالارنىڭ سىياسىي ھوقۇقى ۋە باشقا ھوقۇقلىرى بىر پۈتۈنلۈككە ئىگە. ئەگەر سىياسىي ھوقۇق بولمىسا، باشقا ھېچقانداق ھوقۇق كاپالەتكە ئىگە بولمايدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.