خىتاي تالىبان ھاكىمىيىتىدىكى ئافغانىستانغا باش ئەلچى تەيىنلىگەن

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئىرادە تەييارلىدى
2023.09.14

خىتاي، تالىبان ھاكىمىيىتىدىكى ئافغانىستانغا رەسمىي باش ئەلچى تەيىنلەپ ئەۋەتكەن. 13- سېنتەبىر كۈنى تالىبان دائىرىلىرى بۇ خىتاي ئەلچىسىنى چوڭ مۇراسىم بىلەن كۈتۈۋالغان.

ئەل-جەزىرەنىڭ دېيىشىچە، خىتاي باش ئەلچى جاۋ شېڭ فورما كىيگەن ئەسكەرلەر تەرىپىدىن كۈتۈۋېلىنغان ۋە ھەمدە تالىبان ھۆكۈمىتىنىڭ باشلىقى مۇھەممەد ھەسەن ئاخۇند ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇتتاقى قاتارلىق تالىباننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشكەن. بۇ، 2021-يىلى تالىبان ھاكىمىيەتنى ئۆتكۈزۈۋالغاندىن بۇيان، تۇنجى قېتىم بىر باش ئەلچىنىڭ بۇنداق ھەشەمەتلىك ھالدا كۈتۈۋېلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

ئافغانىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئامىر خان مۇتتاقى خىتاي ئەلچىسى جاۋ شېڭنىڭ ئافغانىستانغا تەيىنلىنىشىنى «مۇھىم سىگنال ۋە مۇھىم قەدەم» دېگەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتىكى باياناتىدا: «بۇ خىتاينىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنىڭ نورمال ۋەزىپە ئالمىشىشى بولۇپ، ئۇ خىتاي بىلەن ئافغانىستان ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەت ۋە ھەمكارلىقنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ» دېگەن ھەمدە «خىتاينىڭ ئافغانىستانغا قاراتقان سىياسىتىنىڭ ئېنىق ۋە ئىزچىل» بولۇپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

تالىبان كونتروللۇقىدىكى ئافغان ھۆكۈمىتى ھازىرغىچە ھېچقانداق دۆلەت تەرىپىدىن رەسمىي يوسۇندا ئېتىراپ قىلىنمىغان. بېيجىڭ، يېڭى ئەلچى تەيىنلەشنىڭ كېيىنكى كۈنلەردە تالىبان ھۆكۈمىتىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلىشقا قاراپ ئىلگىرىلەپ-ئىلگىرىلىمەيدىغانلىقىغا ھازىرچە ئېنىق جاۋاب بەرمىگەن.

تالىباننىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باياناتچىسى سۇھەيىل شاھىن ئەلجەزىرەگە قىلغان سۆزىدە «خىتاينىڭ ھەرىكىتى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىققا يول ئاچىدۇ» دېگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى تېخى تالىبان ھاكىمىيىتىدىكى ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلمىغان ۋە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئافغانىستانغا توختىماي ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتىپ، تۈرلۈك ئىقتىسادىي كېلىشىملەرنى تۈزۈپ، ئافغانىستاننى ئۆزىگە باغلاشقا ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە. تېخى بۇ يىل 5-ئايدا خىتاي ئافغانىستان پايتەختى كابۇل بىلەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچى ئارىسىدا ھەر چارشەنبە كۈنى بىۋاسىتە ئۇچىدىغان ھاۋا قاتنىشىنى رەسمىي يولغا قويغانلىقىنى جاكارلىغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.