رىك گرېنېل: خىتاي ئامېرىكا ئۈچۈن روسىيەدىنمۇ چوڭ تەھدىت

ئامېرىكا دۆلەتلىك ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ سابىق مۇۋەققەت دىرېكتورى رىك گرېنېل خىتاينى ئامېرىكا ئۈچۈن روسىيەدىنمۇ چوڭ تەھدىت، دەپ كۆرسەتكەن. فوكس تېلىۋىزىيەسىنىڭ 23-دېكابىر خەۋەر قىلىشىچە، ئۇ بۇ تېلىۋىزىيەنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېگەن: «خىتاي روسىيەگە قارىغاندا تېخىمۇ چوڭ تەھدىت، چۈنكى ئۇلار ئامېرىكادىكى سودا، ئىلىم-پەن ۋە ئامما ئۈچۈن بىر كىرىزىسقا ئايلاندى.»

رىك گرېنېل سۆزىدە يەنە «بۇ دېگەنلىك روسىيەنى مەسىلە دەپ قاراشنىڭ ھاجىتى يوق، دېگەنلىك ئەمەس. ئۇلارمۇ بىر مەسىلە. ئۇلار خاككېرلىق ھۇجۇملىرى ۋە بىز تەشۋىقات دەپ ئاتايدىغان خاتا ئۇچۇرلارنىڭ جاۋابكارى» دېگەن. ئۇ ئامېرىكادا ئامما داۋاملىق ھالدا روسىيە ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇلۇپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق خىتاي توغرىسىدا ئامېرىكالىقلارنىڭ قايمۇقتۇرۇلغانلىقىنى ئېيتقان.

ئۇ مۇنداق دېگەن: «ئامېرىكادا ئۇزۇندىن بۇيان ئاممىغا خىتاي بىلەن بولغان ئالاقىمىز ئۈنۈم بېرىۋاتىدۇ، دېيىلدى. مەسىلە مانا بۇ يەردە. نەتىجىدە ئامېرىكالىقلار خىتايدىن كېلىدىغان تەھدىت مەسىلىسدە بوشىشىپ ئۇنىڭغا سەل قارىدى. . . خىتاي ب د ت دا بىزنى كونترول قىلىۋالدى، ئۇلار خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، ئەمما ئۇلار تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن بىرلىشىپ ب د ت تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە پۇل بېرىدىغان بىر سىياسەتنى تۈزدى، ئۇنىڭغا ئۆزى رەھبەرلىك قىلدى. قارىسىڭىز بۇ سىياسەتتىن ئەڭ چوڭ پايدىنى ئالىدىغانلار يەنە شۇلار ئۆزى. ئەمەلىيەتتە بىز ئۆزىمىز ئۇلارنىڭ ئامېرىكا ئاممىسىنى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالدام خالتىسىغا چۈشۈرۈشىگە يول قويدۇق.»