خىتاي ھاۋا ئارمىيىسى يەكشەنبە كۈنى 40 دانە ھەر خىل تىپتىكى كۈرەشچى ئايروپىلان چىقىرىپ، ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ غەربىي تىنچ ئوكيان رايونىدا جەڭ قىلىش ئەمەلىي ئىقتىدارىنى سىناق قىلىش ئېلىپ باردى.
ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ مەزكۇر ئايروپىلانلار توپى خىتاي تىلىدا گوڭگۇ بوغۇزى، خەلقئارادا مىياكو بوغۇزى دەپ ئاتىلىدىغان خەلقئارالىق رايوندا پائالىيەت قىلىدىكەن. مىياكو بوغۇزى ياپونىيىگە تەۋە مىياكو ئاراللىرى بىلەن ئوكىناۋا ئاراللىرى ئارىسىغا جايلاشقان بولۇپ، بۇ جاي خىتايغا يېقىن دېڭىز رايونى بىلەن غەربىي تىنچ ئوكياننى تۇتاشتۇرىدىغان مۇھىم خەلقئارالىق دېڭىز يولى ھېسابلىنىدىكەن.
خىتاي ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ باياناتچىسى ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ 25 - سېنتەبىر كۈنى بومباردىمانچى ۋە ھۇجۇمچى ئايروپىلانلارنى چىقىرىپ، شەرقىي دېڭىزدىكى ھاۋا مۇداپىئە پەرق قىلىش رايونىدا چارلاش ئېلىپ بارىدۇ، دېگەن. ئۇ يەنە بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداش ۋە باشقىلارنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي ھاۋا ئارمىيىسى پائالىيەت ئېلىپ بارغان بۇ رايون يەنە خىتاي بىلەن ياپونىيە ئارىسىدىكى تالاش - تارتىشتا تۇرىۋاتقان سېنكاكو ئارىلىغا 170 كىلومېتىر كېلىدىكەن.
مىياكو بوغۇزى مۇھىم ھەربىي ئەھمىيەتكە ئىگە جاي بولۇپ،8 - ئايدا ياپونىيە دائىرىلىرىنىڭ 300 كىلومېتىر مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى ياساپ ئۇنى 20نەچچە يىل ئىچىدە ئوكىناۋا ۋە مىياكو ئارىلىغا ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىغا ئائىت ئۇچۇرلار ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى.