ئىستانسىمىز خەۋىرى، خوڭكوڭنىڭ ئاخبارات ئەركىنلىك كۆرسەتكۈچى بۇ يىلمۇ ئوخشاشلا تۆۋەنلىگەن. خوڭكوڭدىكى ژۇرنالىستلارنىڭ ئاخبارات ئەركىنلىك كۆرسەتكۈچى تەشكىلاتى» ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خوڭكوڭدىكى ژۇرنالىستلار ۋە ئاۋام خەلق ھەر ئىككىلىسى 2015-يىلى ئىچىدە «خوڭكوڭدىكى ئاخبارات ئەركىنلىكىدە زور چېكىنىش بولدى» دەپ قارايدىكەن. مۇتلەق كۆپ قىسىم ژۇرنالىست ئۆتكەن بىر يىلنىڭ خوڭكوڭدا ئاخباراتچىلىقى ئۈچۈن ئەڭ ناچار بىر يىل بولغانلىقىغا ئىشىنىدىكەن.
مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان دوكلاتتا، خوڭكوڭ قانۇنلىرىنىڭ ژۇرنالىستلارنى ۋە ئاخبارات ئەركىنلىكىنى قوغداشتا يېتەرسىز قېلىۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنغان.
دوكلاتتا تىلغا ئېلىنغان يەنە بىر مۇھىم نۇقتا بولسا، «مۇخبىرلارنىڭ ئۆز-ئۆزىنى چەكلەش» مەسىلىسى بولۇپ، ئۇ ئاساسلىق خىتاي كومپارتىيەسىنى تەنقىد قىلىدىغان تېمىلاردا ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدىكەن.
مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شېرلىي يام بۇ ھەقتىكى سۆزىدە «بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنى تەنقىد قىلىدىغان تېمىلارنى ئىشلەشتىن قورقۇش مۇخبىرلارنىڭ كۈندىلىك نورمال خىزمىتىگە تەسىر يەتكۈزمەكتە. قولغا ئېلىنىپ كېتىشنى ياكى چوڭ قۇرۇقلۇققا بېرىپ قالسا ھەتتا مۇشۇ خوڭكوڭدا تۇرۇپمۇ باشقا كېلىدىغان ئاۋارىچىلىكلەرنى نەزەردە تۇتقاندا، بۇ ھەقىقەتەنمۇ ژۇرنالىستلار ئۈچۈن زور بىر مەسىلە» دېگەن.
تەنقىدىي مەزمۇندىكى كىتابلارنى سېتىش بىلەن تونۇلغان خوڭكوڭلۇق 5 نەپەر كىتابپۇرۇشنىڭ بىر مەزگىل يوقاپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇشتۇمتۇتلا پەيدا بولۇپ، خىتاي دۆلەت تېلېۋىزىيەسىدە ئاتالمىش «جىنايىتى» نى ئىقرار قىلىش ۋەقەسى خوڭكوڭدا ۋە شۇنداقلا دۇنيادا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغان ئىدى.
شېرلىي يام خانىم باياناتىدا مەزكۇر ۋەقەنى تىلغا ئېلىپ، بۇنىڭ خوڭكوڭلۇقلارغا كۆرسەتكەن قورقۇنچ تەسىرىنىڭ زور بولغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.