ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ تۆت ئاخبارات ۋاسىتىسىنى «چەتئەل مۇئەسسەسىسى» دەپ بېكىتتى

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 22-ئىيۇن كۈنى يەنە يېڭىدىن خىتاينىڭ تۆت ئاخبارات ۋاسىتىسىنى «چەتئەل مۇئەسسەسىسى» دەپ بېكىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، ئۇلارنىڭ مۇستەقىل ئاخبارات ۋاسىتىسى ئەمەس، ئەكسىچە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بىۋاسىتە باشقۇرۇشىدىكى ئورگانلار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا سىملىق خەۋەرلەر تورى (CNN)نىڭ 22-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە بۇ تۆت ئاخبارات ۋاسىتىسى «مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى»، «خىتاي خەۋەرلىرى»، «خەلق گېزىتى» ۋە «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» قاتارلىقلار بولۇپ بۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرىنىڭ تەپسىلىي ئەھۋالى ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ ئامېرىكادىكى ئۆي-مۈلۈك ئەھۋالىنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە قەرەللىك مەلۇم قىلىپ تۇرۇشى لازىم ئىكەن.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ شەرقىي ئاسىيا ۋە تىنچ ئوكيان ئىشلىرىغا مەسئۇل ياردەمچى مىنىستىرى دېيۋىد ستىلۋېل بۇ ھەقتە توختىلىپ: «بىزنىڭ ھەرىكىتىمىز ئۇچۇرلارغا بولغان كونتروللۇقنىڭ ئاشكارا داۋام قىلىشىنى ئالغا سۈرىدۇ. بۇ ھال ئۇلارنىڭ دۆلەت تەشۋىقاتىغىلا ئەمەس، خىتايدىكى ئاخبارات ساھەسىگىمۇ تەتبىقلاش مۇمكىن» دېگەن.

«نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىككىنچى قېتىم خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنى «چەتئەل مۇئەسسەسىسى» دەپ بېكىتىشى بولۇپ، 2020-يىلى فېۋرالدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى شىنخۇا ئاگېنتلىقى قاتارلىق بەش ئاخبارات ۋاسىتىسىنىڭ خاراكتېرىنى شۇنداق بېكىتكەنىكەن.