«ئامېرىكا 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشى كېرەك»

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويغان يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن خىتاينىڭ 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش چاقىرىقلىرى كۈچىيىۋاتقان بىر مەزگىلدە، «لوس-ئانجېلىس ۋاقتى گېزىتى» دە مۇشۇ ھەقتە بىر پارچە كۆز قاراش ماقالىسى ئېلان قىلىندى.

«ئامېرىكا 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشى كېرەك» ماۋزۇلۇق بۇ ماقالىنى «ئامېرىكا كەسىپلەر ئىنستىتۇتى» ۋە «يەرشارى تەيۋەن ئىنستىتۇتى» قاتارلىق تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ تەتقىقاتچىسى مايكىل ماززا يازغان.

ئۇ ماقالىسىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا مىليونلارچە ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قاماپ، ئۇلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى يوقىتىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئېنىق پاكىتلار ئاشكارىلانغانلىقىنى، لاگېرلاردا ئاياللارنى تۇغماس قىلىش ۋە بالىلارنى ئاتا-ئانىلىرىدىن ئايرىۋېتىشكە ئوخشاش ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئامىللىرى بولغان بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ كىشىلەردە شى جىنپىڭنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىش نىيىتى بارمۇ، دېگەن سوئال پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان.

ئۇ، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ سىياسەتلەرگە چېتىشلىق خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ۋىزا چەكلىمىسى قويغان ۋە بىر قىسىم خىتاي مۇئەسسەسىلىرىگە جازا تەدبىرى ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، بۇنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتكەن. ئۇ تۆۋەندىكىلەرنى بايان قىلغان:

«يەنىمۇ كۆپ تەدبىرلەر ئېلىنىشى كېرەك. ئەگەر ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەر خىتاينى غەلىبىلىك ھالدا شىنجاڭدىكى سىياسەتلىرىنى يۇمشىتىشقا كۆندۈرىمەن، دەيدىكەن ئۇ ھالدا ئۇلار شى جىنپىڭنى بىۋاسىتە نىشانغا ئېلىشى كېرەك. تەلەيگە، خەلقئارا جامائەتنىڭ ئۇنىڭغا قارشى قوللىنىدىغان ئۈنۈملۈك كوزىرى بار، ئۇ بولسىمۇ بېيجىڭنىڭ 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە ساھىبخانىلىق قىلىشىدۇر»

ئۇ ماقالىسىدە، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ئەسلىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرىگە دائىر تاغدەك ئىسپاتلارغا ئاساسەن، خىتاينىڭ بۇ مۇسابىقىنى ئۆتكۈزۈش ھەققىگە قايتا قاراپ چىقىشى كېرەكلىكى، ئەمما ئۇلار بۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلمەيۋاتقان شارائىت ئاستىدا ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ھەرىكەتكە ئۆتۈشى لازىملىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن:

«ئامېرىكا ترامپ ھۆكۈمىتى دۆلەت مەجلىسى بىلەن بىرلىكتە خەلقئارالىق ھەمكارلىق تەشكىللەش ئارقىلىق خىتاي ئەگەر لاگېرلارنى تاقىمايدىكەن، ئۇ ھالدا ئولىمپىكنى بىكار قىلىش ياكى ئۇنى باشقا دۆلەتكە يۆتكەش ھەققىدە خەلقئارالىق ئولىمپىك كومىتېتىغا بېسىم قىلىش كېرەك. ئەگەر ئولىمپىك كومىتېتى بۇنى قوبۇل قىلماي تۇرۇۋالسا، ئۇ ھالدا يۇقىرىدىكى بۇ ھەمكارلاشقان دۆلەتلەر 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىشقا تەييارلىنىشى ۋە «ئەركىنلىك مۇسابىقىسى» نامىدا يەنە بىر مۇسابىقە ئۇيۇشتۇرۇشى كېرەك. ئەگەر ترامپ ھۆكۈمىتى ھەرىكەت قىلمىسا، ئۇ ھالدا دۆلەت مەجلىسى ئامېرىكا ئولىمپىك كومىتېتىنى مۇسابىقىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرىشى كېرەك. . .»

ئاپتور مايكىل ماززا خىتاي ھۆكۈمىتى رەھبەرلىرى ئولىمپىك مۇسابىقىلىرىنى ئۆزىنىڭ تەشۋىقات ۋاسىتىسى قىلىپ قوللىنىپ كەلگەنلىكىنى نەزەردە تۇتقاندا، 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بىكار قىلىش، يۆتكەش ياكى بايقۇت قىلىشقا ئوخشاش ھەرىكەتلەرنىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئۈچۈن ئىچكى سىياسەتلىرى جەھەتتە ناھايىتى چوڭ نومۇس ھېسابلىنىدىغان بولغاچقا، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسەتلىرىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇرلاش ئۈچۈن ئۈنۈملۈك كوزىر بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.