خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە ئۇيغۇر رايونىدا 14 مىڭ نەپەر ياردەمچى ساقچى بىخەتەرلىك ئۈچۈن ۋەزىپەلەندۈرۈلگەن

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئىرادە تەييارلىدى
2023.10.05

خىتاي دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەر بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، 14 مىڭ نەپەر پۇقراۋى ياردەمچى ساقچىنى ۋەزىپىلەندۈرگەن.

خىتاي باشقۇرۇشىدىكى «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەر دەرىجىلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى ۋە قاتناش ساقچى تارماقلىرى «دۆلەت بايرىمى» مەزگىلىدىكى بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنى كۆزدە تۇتۇپ، 14 مىڭ نەپەر پۇقراۋى ياردەمچى ساقچىنى نۆۋەتچىلىك ۋەزىپىسىگە قويغان. زور ساندىكى بۇ ياردەمچى ساقچىلار بايرام مەزگىلىدە خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كېلىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ بىخەتەرلىكى، شۇنداقلا ئۇيغۇر دىيارىدىن قورغاس ئېغىزى ۋە باشقا ئېغىزلار ئارقىلىق ئوتتۇرا ۋە غەربىي ئاسىيا دۆلەتلىرىگە ئېكىسپورت قىلىنىدىغان قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىدىكەن.

بۇ زور ساندىكى ياردەمچى ساقچىلار پويىز ئىستانسىلىرى، خەلقئارالىق قاتناش بېكەتلىرى، ساياھەت نۇقتىلىرى، ئاممىۋىي سورۇنلار، سودا-سارايلار ۋە مۇھىم قاتناش تۈگۈنلىرىدە نۆۋەتچىلىكتە تۇرۇپ، چارلاش ئېلىپ بارىدىكەن ھەمدە ئۆتكەن-كەچكەن يولۇچىلارنى تەكشۈرىدىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن ھەرىكىتىنى ئېلىپ بېرىش بىلەن بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە يۇقىرى تېخنىكىلىق مۇتلەق نازارەت ھەم تەقىب سىستېمىسىنى ئومۇملاشتۇرغان ئىدى. مانا مۇشۇنداق يۇقىرى بېسىملىق نازارەتكە قارىماي، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ يىللىق دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە يەنە 14 مىڭ نەپەر ياردەمچى ساقچىنى ۋەزىپىلەندۈرۈشى، ھەر ساھەنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىماقتا.

«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ خەۋىرىدە، يۇقىرىقى بىخەتەرلىك تەدبىرلەرنىڭ خىتاي دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە ساياھەتچىلەر ۋە يولۇچىلارنىڭ بىخەتەر ئاپتوموبىل قوللىنىشى، قىستاڭچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مەقسەت قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بولسىمۇ، بىراق بۇنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايوندىكى چېكىدىن ئاشقان بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكى مۆلچەرلەنمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.