ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى بىرىنچى قول ئەمەلدار بولغان چېن چۈەنگو خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش ھارپىسىدا بارلىق ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى «يۈكسەك ھوشيارلىقنى ساقلاش» قا چاقىردى.
«جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، چېن چۈەنگۇ بۇ ھەقتىكى سۆزىدە «مۇقىملىق تەدبىرلىرىنى قەتئىي ئىجرا قىلىپ، ئىناق جەمئىيەت ۋە مۇقىم جەمئىيەتنى ئاساس قىلغان ئومۇمىي ۋەزىيەتنى ساقلىشىمىز لازىم» دېگەن.
ئانالىزچىلار بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ، بۇنىڭ خىتايدىكى چوڭ بايرام مەزگىلىدە بىرەر «كۆڭۈلسىز» ۋەقەنىڭ يۈز بېرىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى، دېدى. ئاۋسترالىيەدىكى لاتروب ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى جېيمىس لېيبولد بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «چېن چۇەنگونىڭ ھوشيارلىق ھەققىدىكى بۇ سۆزلىرى ئەمەلىيەتتە ھازىرقى بېسىمنى داۋاملىق ساقلاپ قېلىش ھەققىدە ھەر دەرىجىلىك كادىرلارغا قىلىنىۋاتقان ئىشارە» دېدى.