خىتاي-بېرما چېگراسىدىكى توقۇنۇشتا 50 لىككە يېقىن بېرما ئەسكىرى ئۆلتۈرۈلگەن

بېرما ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي-بارما چېگراسىدىكى خىتاي ئاز سانلىق مىللەت قوراللىق كۈچلىرى بىلەن بېرما ئارمىيىسى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشتا 47 بېرما ئەسكىرى ئۆلتۈرۈلگەن. توقۇنۇش ئۆتكەن دۈشەنبە باشلىنىپ، پەيشەنبە كۈنگە قەدەر داۋام قىلغان.

توقۇنۇش سابىق بېرما كوممۇنىستلىرىدىن بۆلىنىپ چىققان «بېرما مىللىي دېموكراتىك ئىتتىپاقداش ئارمىيىسى» ناملىق قوراللىق گۇرۇھ بىلەن بېرما ئارمىيەسى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن.

بېرما-خىتاي چېگراسىدىكى ئاز سانلىق مىللەت خىتايلاردىن قۇرۇلغان بېرما مىللىي دېموكراتىك ئىتتىپاقداش ئارمىيەسى 1989‏-يىلى بېرما كوممۇنىستلىرىدىن بۆلۈنۈپ چىققان ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى بېرما كوممۇنىستلىرىنى ئىزچىل قوللاپ كەلگەن. ئۆتكەن ھەپتە پارتلىغان توقۇنۇش دەرھال خىتاينىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ، «بىز بارلىق تەرەپلەرنىڭ خىتاي بىلەن تەڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ۋەزىيەتنى پەسەيتىشنى، چېگرادا تىنچلىقنىڭ تېزرەك ئەسلىگە كېلىشىنى، چېگرا خەلقىنىڭ تېزرەك ماكانىغا قايتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېگەن.

2009-يىلى يۈز بەرگەن بىر قېتىملىق توقۇنۇشتا نەچچە مىڭ مۇساپىر خىتايغا قېچىپ كىرگەن ئىدى.