دائىرىلەرنىڭ خىتايغا خاس ئۆرپ-ئادەتلەرنى ئۇيغۇرلارغا تېڭىشى ئەيىبلەشكە ئۇچرىدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2016-10-11
Share

خىتاي خەلق تورىنىڭ 10-ئۆكتەبىردىكى سۈرەتلىك خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇر دىيارىنىڭ يېزا-كەنتلىرىدە ھەر خىل مەزمۇندىكى پائالىيەتلەر ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۆكتەبىر بايرىمى مەزگىلىدە قەشقەر شەھىرىنىڭ قوغان يېزا كىچىك ئېرىق كەنتىدە ياش ئەرلەرنىڭ قىز-چوكانلارنى يۈدۈپ يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەن.

مەزكۇر خەۋەردىكى سۈرەتلەردىن، مەيدانغا يىغىلغان كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا يەنە قىزىل كىيىم كىيدۈرۈلگەن ياشانغان بوۋاي، مومايلارنىڭمۇ بارلىقى مەلۇم.

دائىرىلەرنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر يېزىلىرىدا قىزىل ناخشا ئېيتىش قاتارلىق كوممۇنىست تەشۋىقاتىنى كۈچەيتكەندىن باشقا، ئۇيغۇرلارغا قارىتا دىنىي ئېتىقادنى سۇسلاشتۇرۇش تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنى يولغا قويۇشى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراۋاتقان شارائىتتا، ئەرلەرنىڭ ئاممىۋى سورۇنلاردا قىز-چوكانلارنى يۈدۈپ مېڭىشىدەك، خىتاي مەدەنىيىتىگە خاس پائالىيەت-ھەرىكەتلەرنى ئۇيغۇرلارغا مەجبۇرىي تېڭىشى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە پائالىيەتچىلىرىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ دىنىي ئىشلار مۇدىرى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندى رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، «دائىرىلەرنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى ۋە مەدەنىيىتىنى سۇسلاشتۇرۇش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان تەشۋىقات ۋە پائالىيەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي ئەخلاقىنى ھاقارەتلەش دەرىجىسىگە يەتكەنلىكى» نى بىلدۈردى. تۇرغۇنجان ئەپەندى يەنە «خىتاينىڭ قاتتىق باستۇرۇشى سەۋەبلىك، ئۆز ۋەتىنىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار نارازىلىقىنى ئىپادىلەشكە ئىمكانسىز بولۇۋاتقان بۈگۈنكىدەك شارائىتتا، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، پائالىيەتچىلىرى، دىنىي زاتلار ھەتتا ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ بۇ خىل ئەھۋاللارنى دۇنياغا ئاشكارىلىشى ۋە نارازىلىق بىلدۈرۈشىنىڭ تەخىرسىز مەجبۇرىيەت ئىكەنلىكى» نى تەكىتلىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت