خىتايغا تەۋە دېڭىزلارنىڭ سۇلىرى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغانغان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2015-03-11
Share


خىتاي دۆلەتلىك دېڭىز ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ بۈگۈن ئېلان قىلغان دوكلاتىدا خىتايغا تەۋە دېڭىز سۇلىرىنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە بۇلغانغانلىقى بىلدۈرۈلدى. ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، 2014 - يىلى ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن قارىغاندا، خىتايدىكى دېڭىز سۈيىنىڭ 81 پىرسەنتى ئېغىر بۇلغانغان بولۇپ، بۇ ئاساسلىق ياڭزىجياڭ دەرياسىنىڭ دېڭىزغا قۇيۇلىدىغان ئېغىزى ۋە جۇجياڭ دەريا دېلتىسىدىكى مۇھىت بۇلغىنىشى بىلەن باغلىنىشلىق ئىكەن.

دوكلاتتا، دېڭىز سۈيى ئۇچرىغان بۇ ئېغىر تالاپەتكە «مۇھىت بۇلغىنىشى، ئىنسانلارنىڭ بۇزغۇنچىلىق قىلىشى ۋە بايلىق مەنبەلىرىنى شىددەت بىلەن ئېچىش» تىن ئىبارەت ئۈچ خىل ئامىل ئاساسلىق سەۋەبچى دەپ كۆرسىتىلگەن.

كۆزەتكۈچىلەر يۇقىرىدىكى دوكلاتنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىتنى بۇلغاۋاتقان زاۋۇت - كارخانىلارنى رەتكە سېلىش ۋە مۇھىت بۇلغىنىشى بىلەن كۈرەش قىلىش شۇئارىنىڭ ئەمەلگە ئاشمىغانلىقىنىڭ روشەن بىر ئىپادىسى، دەپ كۆرسەتتى. ئىلگىرى ئېلان قىلىنغان دوكلاتلاردا خىتايدىكى ھاۋا بۇلغىنىشى، ئىچىملىك سۇ ۋە تېرىلغۇ يەر بۇلغىنىش مەسىلىلىرىنىڭمۇ جىددىي ھالدا ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت