چاغان بايرىمى ئارقىلىق قەشقەر قاتارلىق جايلاردا خىتاي مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇش داۋاملاشماقتا

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز جەۋلان تەييارلىدى
2024.02.07

يېقىنقى كۈنلەردە، خىتاينىڭ «شىنجاڭ گېزىتى» ۋە «تەڭرىتاغ تورى» سەھىپىلىرىدە قەشقەر قاتارلىق جايلاردىكى چاغانلىق تەييارلىق ۋە چاغان مەدەنىيىتىنى تەشۋىق قىلىش كۈچەيمەكتە.

7-فېۋرال كۈنى چىققان سۈرەتلىك خەۋەرلەردە، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكى مەيدانلىرىنىڭ بىرى بولغان «قەشقەر قەدىمىي شەھىرى» دە بالىلارنىڭ پۇتبول مەشىق قىلىۋاتقانلىقى، ئاقسۇ شەھىرى كوچىلىرىنىڭ تامامەن قىزىل پانۇسلار، گۈللۈك قەغەزلەر، چاغانلىق مەسنەۋىلەر بىلەن بېزەلگەنلىكى، ئاممىنىڭ چاغانلىق تەنتەربىيە، سەنئەت پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزگەنلىكى، بەزىلىرىنىڭ ئەجدىھا ئۇسۇلى مەشىق قىلىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.

 «ئامېرىكا ئاۋازى» خىتاي بۆلۈمىنىڭ 7-فېۋرال كۈنى خەۋەر بېرىشىچە، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكى گۇرۇپپىسى بۇ يىل قەشقەردە ھازىرلىغان تارماق سەھنە بۇ پىروگرامما بارلىققا كەلگەن 41 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر رايونىدا ئورۇنلاشتۇرغان تۇنجى مەيدان سەھنە بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ رايوندىكى مىللىي ئاسسىمىلياتسىيە ھەرىكىتىنىڭ يۇقىرى پەللىسى ھېسابلىنىدىكەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ: «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت بۆشۈكى بولغان قەشقەردە چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزۈشتىكى مەقسىتى خەلقئارا جەمئىيەتكە ۋە خىتاي خەلقىگە ‹بۇ جاي ئەزەلدىن خىتاينىڭ بىر قىسمى› دېگەن يالغاننى تەشۋىق قىلىشتۇر، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىي مىللەت ئىكەنلىكىدەك ھەقىقەتنى ئىنكار قىلىپ، ئاتالمىش ‹جۇڭخۇا مىللىتى› دېگەن قالپاقنى كىيدۈرۈشتۇر» دېگەن.  

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.