ئامېرىكا ياپونىيە ۋە گوللاندىيە بىلەن بىرلىشىپ، خىتايغا چىپ (ئۆزەك) ياساش چەكلىمىسى قويماقچى بولغان
2022.12.13
بۇ ھەپتە ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ تېخنىكا ساھەسىدىكى سۈركىلىشى كۈچەيگەن بولۇپ، ئامېرىكانىڭ خىتايغا يېرىم ئۆتكۈزگۈچ مەھسۇلات ياسايدىغان ئۈسكۈنىلەرنى سېتىشنى چەكلەش تەدبىرى خىتاينى جىددىيلەشتۈرۈپ قويغان.
رۇيترېس ئاگېنتلىقىنىڭ 13-دېكابىر كۈنىدىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ياپونىيە ۋە گوللاندىيە بىلەن كېڭىشىپ، خىتايغا يېرىم ئۆتكۈزگۈچ مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇت ئۈسكۈنىلىرىنى ئېكسپورت قىلىشقا چەكلىمە قويماقچى بولغان. خىتاي بۇنىڭغا قارشى چىقىپ، دۇنيا سودا تەشكىلاتى ئارقىلىق ئامېرىكانىڭ بۇ چەكلەش تەدبىرىنى بىكار قىلىشقا ئۇرۇنماقتا ئىكەن.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي يېرىم ئۆتكۈزگۈچ مەھسۇلاتى بولغان ئۆزەك ئىشلەپچىقىرىشقا 143 مىلياردتىن كۆپ مەبلەغ سالماقچى بولغان. ھالبۇكى، بايدىن ھۆكۈمىتى بۇ يىل 10-ئايدا ئېلان قىلغان چەكلىمە تەدبىرلىرىگە ئاساسەن، خىتاينىڭ دۇنيادىكى ھەر قانداق ئۆزەك زاۋۇتلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزۈپ تاشلاش ئارقىلىق، خىتاينىڭ ھەربىي تېخنىكا تەرەققىياتىنى چەكلىمەكچى بولغان.
ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىكى مەسلىھەتچىسى جېك ساللىۋاننىڭ (Jake Sullivan) رۇيترېس ئاگېنتلىقىغا بىلدۈرۈشىچە، ياپونىيە بىلەن گوللاندىيە ئامېرىكانىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلارنى ئېكسپورت قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىشىنى پرىنسىپ جەھەتتىن قوللىغان. ئامېرىكا پات ئارىدا ئۆز ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ، ئۆزەك ياساش ئۈسكۈنىلىرىنى خىتايغا ئېكسپورت قىلىشنى كەڭ دائىرىلىك چەكلەيدىكەن.