ئۆتكەن بىر يىلدا خىتايدا 35 ئۆلكە ۋە مىنىستىردىن يۇقىرى دەرىجىلىك كادىر سوتقا تارتىلغان

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2017.03.12


2016-يىلى خىتايدا ئۆلكە ۋە مىنىستىردىن يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبىرى كادىردىن 35 نەپىرى ئۈستىدىن دېلو تۇرغۇزۇلۇپ، سوت يەكۈنى چىقىرىلغان، بۇلارنىڭ ھەممىسى پارىخورلۇق ۋە خىيانەتچىلىك جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن.

بۇ ئۇچۇرلار بېيجىڭدا ئېچىلىۋاتقان خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى، 5-قېتىملىق يىغىنىنىڭ 3-قېتىملىق ئومۇمى يىغىنىدا سۆز قىلغان خىتاي ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى جوۋ چياڭنىڭ دوكلاتىدىن مەلۇم بولغان.

شىنخۇا تورىنىڭ خەۋەرلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، جوۋ چياڭ دوكلاتىدا، 2016-يىلى، ھەر دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرىنىڭ خىيانەتچىلىككە مۇناسىۋەتلىك 63مىڭ ئادەمنىڭ 45 مىڭ دېلوسى ئۈستىدىن سوت يەكۈنى چىقارغانلىقى، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەيىبلەنگۈچىلەردىن 35 ئادەمنىڭ ئۆلكە ۋە مىنىستىردىن يۇقىرى دەرىجىلىك، 240 ئادەمنىڭ نازارەت دەرىجىلىك كادىر ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن.

جوۋ چياڭ دوكلاتىدا سابىق خىتاي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى گۇ بوشوڭ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسلىرى لىڭ جىنخۇا، سۇ روڭ قاتارلىقلارنىڭ زور دېلولىرىنىڭمۇ بارلىقىنىمۇ ئەسكەرتكەن.

جوۋ چياڭ سۆزىدە خىيانەتچىلىك ۋە پارىخورلۇققا قاتتىق زەربە بېرىش پوزىتسىيىسىدە چىڭ تۇرغانلىقىنى ۋە شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھى ھەم دۆلەتنى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىشتىكى يېڭى ئىدىيە ۋە يېڭى ئىستراتېگىيىنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.