خىتاي دائىرىلىرى 10 خىل كىشىلەرنىڭ ئايروپىلانغا چىقىشىنى چەكلىمەكچى

يېقىندا خىتاينىڭ دۆلەتلىك ئىسلاھات-تەرەققىيات كومىتېتى، خەلق ئاۋىئاتسىيە ئىدارىسى، ئالىي سوت، مالىيە مىنىستىرلىكى قاتارلىق ئورگانلىرى ئورتاق ھۆججەت چۈشۈرۈپ، 10 خىل كىشىلەرنىڭ ئايروپىلانغا چىقىشىنى چەكلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، «ئايروپىلاندا ئېغىر سەۋەنلىك سادىر قىلغان كىشىلەرنى چەكلەش، ئىجتىمائىي كرىدىت سىستېمىسى قۇرۇلۇشى ئالغا سۈرۈش ھەققىدىكى پىكىر» ناملىق ھۆججەتنىڭ 1‏-مايدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ھۆججەتتە كۆرسىتىشىچە، تېررورلۇققا دائىر ساختا ئۇچۇر تارقىتىش ۋە ئويدۇرۇش، ساختا كىملىك ياساش، باشقىلارنىڭ كىملىكىنى ئىشلىتىش، ئايرودرومدا قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىش، چەكلەنگەن بۇيۇملارنى ئېلىپ مېڭىش، ئايروپىلانىدا تەرتىپسىزلىك قىلىش، ياكى ئايروپىلاننىڭ يولىنى توسۇش، ئايروپىلان خادىملىرىغا توسقۇنلۇق قىلىش، ئۇلارغا تەھدىت سېلىش، ئايروپىلاننىڭ ئىچىدە جېدەل-ماجىرا چىقىرىش قاتارلىق قىلمىشلارنى سادىر قىلغان شەخسلەرنىڭ ئايروپىلانغا ئولتۇرۇشى چەكلىنىدىكەن.

مەزكۇر بەلگىلىمىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قانچىلىك تەسىر قىلىدىغانلىقى مەلۇم ئەمەس. لېكىن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قارىشىچە، بۇ بەلگىلىمە ئۇيغۇرلارغا قاتتىق تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇلارنىڭ ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ ساياھەت قىلىشىنى تېخىمۇ قىيىنلاشتۇرىدۇ.

د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا جۈمە كۈنى مەزكۇر بەلگىلىمىگە ئىنكاس بىلدۈرۈپ، «بۇ يېڭى بەلگىلىمە ئۇيغۇرلارنىڭ ئايروپىلانغا ئولتۇرۇشى، خىتاي چېگراسى ئىچىدىمۇ بىر شەھەردىن بىر شەھەرگە بېرىش ھوقۇقىنىڭمۇ قاتتىق چەكلىنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ» دېدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇرۇندىنلا ئۇيغۇرلارنىڭ ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ سەپەر قىلىشىنى قاتتىق كونترول قىلىپ، ئۇلارغا ئالاھىدە بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش تۈزۈمى يۈرگۈزۈپ كەلدى. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى مىللىي ۋە دىنىي خاھىشى كۈچلۈك نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنى ئىشەنچسىز كىشىلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈپ قويۇپ، ئۇلارنى ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ سەپەر قىلالمايدىغان ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان ئىكەن.