خېيلوڭجاڭلىق بىر خىتاي ئەر ئۆز قىزىنى يوتقان يىڭنىسى بىلەن ئۆلتۈرمەكچى بولغانلىقى ئۈچۈن 10 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان.
خىتاي ئاخباراتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يىن جىخې ئىسىملىك بۇ خىتاي ئەر ئەمدىلا ئىككى ئايلىق بولغان قىزىنى بۇ يىل 4-ئاۋغۇست يىڭنە تىقىپ ئۆلتۈرمەكچى بولغان.
دوختۇرلار قىزنىڭ كۆكسىگە سانجىلغان 1-يىڭنىنى ئوپېراتسىيە قىلىپ ئېلىۋەتكەن. ھالبۇكى، يىن ئارىدىن بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن قىزىنىڭ قورساق ۋە كىندىكىگە يىڭنە تىققان. بوۋاق دوختۇرخانىدا جىددىي قۇتقۇزۇلغان. كېيىن، يىن ئۆزىنى ساقچىغا مەلۇم قىلغان.
يىن مەزكۇر بوۋاقنى ئۆزىنىڭ ئەمەس، دەپ قارىغاچقا ئۆلتۈرمەكچى بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن. لېكىن، دنا سىنىقى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان بۇ قىزنىڭ يىننىڭ ئۆز قىزى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى، خىتايدا ئوغۇللارنى ئەزىزلەش، قىزلارنى خارلاش خاھىشىنى ئۇلغايتقان. بۇنىڭ بىلەن قىز بوۋاقلارنى ئالدۇرۇۋېتىش ياكى تۇغۇلغان قىز بوۋاقلارنى تاشلىۋېتىش قىلمىشلىرىمۇ كۆپەيگەن. نەتىجىدە، نۆۋەتتە خىتايدا قىز-ئوغۇل نىسبىتى ھەدىدىن زىيادە تەڭپۇڭسىزلاشقان.
ببچ نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 2020-يىلىغا كەلگەندە توي قىلىش يېشىدىكى 24 مىليون خىتاي ئەر لايىق تاپالماسلىق كرىزىسىغا دۇچ كېلىدىكەن.