خىتاي دىپلوماتلىرى چەتئەل ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تەيۋەن سايلىمىغا بولغان ئىنكاسلىرىنى تەنقىد قىلدى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2024.01.16

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە خىتاينىڭ چەتئەللەردىكى دىپلوماتىيە ئورگانلىرى  13-يانۋار شەنبە كۈنى تەيۋەندىكى پىرېزىدېنت سايلىمىدا غەلىبە قىلىپ، پىرېزىدېنتلىققا سايلانغان تەيۋەن دېموكراتىيە ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ نامزاتى لېي چىڭدېنى تەبرىكلىگەن چەتئەل ھۆكۈمەتلىرىنى ئەيىبلىگەن. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بېيجىڭ چەتئەل ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تەيۋەندىكى سايلامنى تەبرىكلىشى تەيۋەنگە قانۇنىيلىق ئاتا قىلىدۇ، دېگەن ئەندىشىدە دەرھال ئىنكاس قايتۇرغان. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 15-يانۋار ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلىنكېننىڭ باياناتىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئۇنىڭ سۆزىنىڭ «تەيۋەن مۇستەقىل بۆلگۈنچى كۈچلىرى» گە  «جىددىي خاتا سىگنال بېرىدىغانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرگەن. بىلىنكېن لېي چىڭدېنى تەبرىكلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ۋاشىنگتوننىڭ تەيۋەن بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ ئالغا سۈرۈشنى كۈتىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

خىتاينىڭ لوندوندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى 14-يانۋار كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كامېروننىڭ لېي چىڭدېنى تەبرىكلىشى ۋە  ئۇنىڭ سايلامنى «تەيۋەننىڭ جانلىق دېموكراتىيەسىنىڭ بىر دەلىلى» دەپ تەرىپلىشىنى «توغرا بولمىغان ھەرىكەت» دەپ كۆرسەتكەن.

 خىتاينىڭ ياپونىيەدىكى ئەلچىخانىسى بولسا ياپونىيە ھۆكۈمىتىگە رەسمىي دىپلوماتىيەلىك نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ياپونىيە تەرەپنىڭ «تەيۋەن بوغۇزىدىكى تىنچلىق، مۇقىملىققا، شۇنىڭدەك خىتاي ياپونىيە مۇناسىۋىتىگە كاشىلا قىلماسلىقى» نى تەلەپ قىلغان. بۇنىڭ ئالدىدا، ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يوكو كامىكاۋا، تەيۋەننى «پەۋقۇلئاددە مۇھىم شېرىك ۋە ئىنتايىن مۇھىم دوست» دەپ تەرىپلەپ، لېكىن تەيۋەن بىلەن بولغان خىزمەت مۇناسىۋىتىنىڭ «غەيرىي ھۆكۈمەت ئاساسىدا» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە يەنە 15-يانۋار كۈنى مىسىر پايتەختى قاھىرەدە زىيارەتتە بولغان خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنىڭمۇ «بىر خىتاي سىياسىي» گە خىلاپلىق قىلغان دۆلەتلەرنى ئاگاھلاندۇرغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. رويتېرسنىڭ  ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ فىرانسىيە، ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئەلچىخانىلىرىمۇ، بۇ دۆلەتلەرنىڭ تەيۋەندىكى سايلامنى تەبرىكلىشىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن. شەنبە كۈنىدىكى سايلامدا، تەيۋەن دېموكراتىيە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ نامزاتى لېي چىڭدې، 40 پىرسەنتتىن ئارتۇق ئاۋاز بىلەن سايلامنىڭ غەلىبىسىگە ئېرىشكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.