ئامېرىكا خىتاينى دىنى ئەركىنلىك جەھەتتە «ئالاھىدە ئەندىشە قوزغاۋاتقان دۆلەت» دەپ باھالىدى

ئامېرىكا خىتاينى دىنى ئەركىنلىك جەھەتتە «ئالاھىدە ئەندىشە قوزغاۋاتقان دۆلەت» دەپ باھالىدى. بۈگۈن ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى 1988 يىلى ماقۇللانغان «خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك قارارى» غا ئاساسەن خىتاي قاتارلىق 10 دۆلەتنى دىنى ئەركىنلىك جەھەتتە «ئالاھىدە ئەندىشە قوزغاۋاتقان دۆلەتلەر» قاتارىغا كىرگۈزدى.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ھېتېر نائورتنىڭ نامى بىلەن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، دۇنيادىكى نۇرغۇن جايلاردا كىشىلەرنىڭ پەقەت ئۆزىنىڭ دىنىي ئېتىقادى سەۋەبلىك زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقانلىقى، ناھەق ئەيىبلىنىپ، تۈرمىلەرگە سولىنىۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان. ئۇنىڭدا يەنە دىنىي ئەركىنلىكنى مۇھاپىزەت قىلىشنىڭ تىنچلىق، مۇقىملىق ۋە باياشاتلىق ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان بىر ئامىل ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن.

باياناتتىن مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا بۇ يىل خىتاي، بېرما، ئېرىتېرىيە، ئىران، شىمالىىي كورىيە، سۇدان، سەئۇدى ئەرەبىستان، تاجىكىستان، تۈركمەنىستان ۋە ئۆزبېكىستان قاتارلىق ئون دۆلەتنى «ئالاھىدە ئەندىشە قوزغاۋاتقان دۆلەتلەر» قاتارىغا كىرگۈزگەن. پاكىستاننى بولسا «پەۋقۇلئاددە كۆزىتىلىشكە تېگىشلىك دۆلەت» دەپ باھالىغان.

باياناتتا ئامېرىكانىڭ يۇقىرىقى دۆلەتلەردىكى دىنى ئەركىنلىك ۋەزىيىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەر، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، دىنى رەھبەرلەر بىلەن بىرلىكتە خىزمەت قىلىدىغانلىقى ۋە دۇنيادا دىنىي ئەركىنلىكنى تەشەببۇس قىلىشنىا داۋام قىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

ئىلگىرى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە قاراشلىق خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى ئېلان قىلغان دوكلاتلاردىمۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر ۋە فالۇنگۇڭ مۇرتلىرى قاتارلىق مىللەت ۋە دىنى گۇرۇپپىلارغا قاتتىق بېسىم قىلىپ، ئۇلارنىڭ دىنىي پائالىيەتلىرىنى چەكلەۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان ئىدى.