45 پىرسەنت ئامېرىكا پۇقراسى خىتاينى «دۈشمەن» دەپ قارىماقتا
2025.01.28
ئامېرىكا تەۋەسىدە ھەر خىل تېمىلار بويىچە راي سىناشتا ئورتاق ئېتىراپقا ئېرىشكەن «راسمۇسسېن دوكلاتى» شىركىتى يېقىندا ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ خىتاي ھەققىدە قانداق قاراشتا ئىكەنلىكى سىناپ كۆرگەن. نەتىجىدە 45 پىرسەنت ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ خىتاينى «دۈشمەن» دەپ قارايدىغانلىقى مەلۇم بولغان.
ئۇلارنىڭ 27-يانۋاردىكى دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇلار بۇ قېتىم ئامېرىكا پرېزىدېنتلىق سايلىمىغا بېلەت تاشلىغان كىشىلەرنى راي سىناش ئوبيېكتى قىلىپ تاللىغان. بۇ قېتىم راي سىناشقا قاتناشقانلاردىن پەقەت يەتتە پىرسەنت كىشى خىتاينى «ئىتتىپاقداش» دەپ قارايدىغانلىقىنى ئېيتقان بولسا، 43 پىرسەنت كىشى خىتاينى «ئىتتىپاقداش» بىلەن «دۈشمەن» نىڭ ئارىسىدا، دەپ قارىغان. ھالبۇكى، 2017-يىلى يانۋاردا خىتاينى «دۈشمەن» دەپ قارايدىغانلار 18 پىرسەنت بولغان ئىكەن.
بۇ قېتىمقى راي سىناشقا ئىشتىراك قىلغانلار ئىچىدە جۇمھۇرىيەتچىلەر ۋە دېموكراتچىلار مۇتلەق كۆپ ساننى تەشكىل قىلىدىغان بولۇپ، ئۇلار بىردەك «ئىقتىسادىي ئامىل تۈپەيلىدىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەر خىتاي سادىر قىلىۋاتقان تۈرلۈك دەپسەندىچىلىك قىلمىشلىرىغا سۈكۈت قىلىپ كېلىۋاتىدۇ» دەپ دەپ قارىغان. بولۇپمۇ 65 ياشتىن ئاشقانلار ئىچىدە مۇشۇ خىل پىكىرگە مايىللار بىردەك كۆپ بولغان.
مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى يىرىكلىشىشتە خىتاي تەرەپنىڭ ئەقلىي مۈلۈك ئوغرىلىقى، تاجسىمان ۋىرۇس (كوۋىد) يۇقۇمى ۋە خىتاينىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىۋاتقان رۇسىيەنى ماددىي جەھەتتىن قوللىشى قاتارلىقلارمۇ خىتاي ھەققىدىكى سەلبىي قاراشنى ئاشۇرغان مۇھىم ئامىللاردىن، دەپ قارالغانلىقى مەلۇم. بۇ خىلدىكى خىتاينى «دۈشمەن» دەپ قاراش خاھىشى 2024-يىلى «پيۇ» (Pew) تەتقىقات مەركىزىنىڭ راي سىناش پائالىيىتىدىمۇ مۇشۇ شەكىلدە مەلۇم بولغان ئىدى.