خىتاي ساقچى دائىرىلىرى قۇمۇلدا قىشلىق تازىلاش ھەرىكىتى باشلىغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2025.01.06

خىتاي ساقچى دائىرىلىرى خىتاينىڭ چاغان بايرىمى يېقىنلىشىپ كېلىۋاتقان پەيتتە، ئېۋىرغول رايونى (بۇرۇنقى قومۇل شەھىرى) نىڭ «ئامانلىقى مۇرەككەپ» دەپ قارالغان رايونلىرىغا قارىتا قىشلىق تازىلاش ھەرىكىتى باشلىغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2022-يىلى ئەسلىدىكى قۇمۇل ۋىلايىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇنى ۋىلايەت دەرىجىلىك قومۇل شەھىرى قىلىپ ئۆزگەرتكەن، ئەسلىدىكى قومۇل شەھىرىنى «ئېۋىرغول رايونى» (伊州区) قىلىپ ئۆزگەرتكەن ئىدى.

بۇ يىل 4-يانۋار كۈنى ئېۋىرغول رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدا مەخسۇس سىنلىق خەۋەر ئېلان قىلىپ، ساقچى كۈچلىرىنىڭ كەڭ كۆلەملىك سەپەرۋەرلىك يىغىلىشى ئۆتكۈزگەن ۋە «قىشلىق تازىلاش ھەرىكىتى» نىڭ باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇ ھەقتىكى سىنلىق خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، «قىشلىق ھەرىكەت» نىڭ ئاساسلىق نىشانى رايوندىكى «ئامانلىقى مۇرەككەپ جايلار» غا قارىتىلغان بولۇپ، «بىر تۇتاش مەركەزلەشتۈرۈپ تازىلاش ۋە ئومۇميۈزلۈك تۈزىتىش» ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى داۋراڭ قىلىنغان.

مەزكۇر سىن خەۋىرىدە، قومۇل شەھىرىنىڭ ئېۋىرغول رايونىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان «قىشلىق ھەرىكەت» نىڭ قانچىلىك ۋاقىت داۋاملىشىدىغانلىقى ۋە «ئامانلىقى مۇرەككەپ رايونلار» نىڭ كونكرېت قايسى جايلارنى كۆزدە تۇتىدىغانلىقى ئېنىق قەيت قىلىنمىغان. ھالبۇكى، بۇ ھەرىكەتتە رايوندىكى ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان يېزا-كەنتلەر ۋە مەھەللىلەرنىڭ نۇقتىلىق تازىلاش نىشانى قىلىنىشى ئەندىشە قوزغىماقتا.

مەزكۇر «قىشلىق ھەرىكەت» نىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئالتاي، يەركەن، مەكىت قاتارلىق ۋىلايەت ۋە شەھەرلىرىدىمۇ ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. خىتاينىڭ بۇ قېتىملىق تازىلاش ھەرىكىتىنىڭ، خىتاي دائىرىلىرى 2016-يىلدىن بېرى ئۇيغۇر ئېلىدە «ھېچقانداق ‹تېررورلۇق› ۋە ‹زوراۋانلىق› ۋەقەسى يۈز بەرمىدى» دېگەن تەشۋىقاتنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان بىر پەيتتە باشلىنىشى، كۈچلۈك دىققەت قوزغىماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.