ئامېرىكا رۇسىيەگە ياردەم قىلغان يەنە بىر تۈركۈم خىتاي شىركەتلىرىنى ئېمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2024.08.26

خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ۋە مەمۇرىي ئەمەلدارلىرى ئارقا-ئارقىدىن رۇسىيەنى زىيارەت قىلغان بىر پەيتتە، ئامېرىكا رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قاراتقان تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىغا قارشى بېسىمنى داۋاملىق كۈچەيتكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا 23-ئاۋغۇست كۈنى رۇسىيە ھەربىي سانائىتىگە ياردەم قىلغان 105 رۇسىيە ۋە خىتاي شىركىتىنى ئېمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلغان. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ 105 شىركەتنىڭ ئىچىدە 63 شىركەت رۇسىيەگە، 42 شىركەت خىتايغا، 18 شىركەت باشقا دۆلەتلەرگە تەۋە ئىكەن. خەۋەردە بۇ شىركەتلەر ئامېرىكا ئېلېكتىرونلۇق ئەسۋابلىرىنى رۇسىيە ئارمىيەسىگە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قاراتقان تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى ئۈچۈن مىڭلىغان «شاھىت-136» تىپلىق درون، يەنى ئادەمسىز ئۇچقۇ ئىشلەپچىقىرىشىغا ياردەم بېرىش قاتارلىق نۇرغۇن سەۋەبلەردىن جازاغا ئۇچرىغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.

ئېمبارگو قارارى خىتاي باش مىنىستىرى، خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسى قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ قوماندانى قاتارلىق سىياسىي ئەمەلدارلىرى ئۆتكەن ھەپتە ئارقا-ئارقىدىن رۇسىيەنى زىيارەت قىلغان بىر پەيتتە ئېلان قىلىنغان. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكانىڭ ئېمبارگو قارارى خىتاينىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان. خىتاي سودا مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى، ئامېرىكانىڭ بۇ قارارى «خەلقئارا سودا قائىدە-تۈزۈملىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىق» دەپ ئەيىبلەپ، بۇنىڭ «يەر شارى سانائىتى ۋە تەمىنلەش زەنجىرىگە تەسىر يەتكۈزىدىغانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرگەن. لېكىن بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا كرىمىلنىڭ ئۇكرائىناغا قارشى قوزغىغان ئۇرۇشىدا «رۇسىيەنىڭ ھەربىي قىسىملىرىنى قوراللاندۇرۇش قابىلىيىتىنى تېخىمۇ قاتتىق چەكلەش ئۈچۈن»، بۇ شىركەتلەرنى ئېمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن ئىكەن.

خىتاينىڭ تاموژنا سانلىق مەلۇماتلىرى ۋە تەتقىقات دوكلاتلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، رۇسىيە ئۇكرائىناغا قوراللىق ھۇجۇم قوزغىغان 2022-يىلى 2-ئايدىن بۇيان خىتاينىڭ رۇسىيەگە چىقارغان ئېكسپورتى شىددەت بىلەن كۆپەيگەن. بۇ ھەقتىكى تەتقىقات دوكلاتلىرىدا، خىتاينىڭ رۇسىيەگە چىقارغان ئېكسپورت مەھسۇلاتلىرىنى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئارقىلىقمۇ يوللاۋاتقانلىقى قەيت قىلىنماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.