ترامپ ھۆكۈمىتى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئەزالىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا ۋىزا چەكلىمىسى قويۇشنى ئويلاشماقتىكەن

ترامپ ھۆكۈمىتى خىتايدىكى بارلىق كومپارتىيە ئەزالىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ۋىزا چەكلىمىسى قويۇشنى ئويلاشماقتىكەن.

پرېزىدېنت ترامپنىڭ ئەتراپىدىكى يېقىن كىشىلەرنىڭ «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» گە ئېيتىشىچە، ترامپ ھۆكۈمىتىدىكىلەر بۇ قارار ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، ئەگەر بۇ قارار ماقۇللىنىپ قالسا، ئاللىقاچان ئامېرىكاغا كىرىپ بولغان خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئەزالىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ ۋىزالىرى بىكار قىلىنىدىلەن، ھەتتا ئۇلارنىڭ ئامېرىكادىن قوغلاپ چىقىرىۋېتىلىشى مۇمكىن ئىكەن.

«نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ ئېيتىشىچە، ئاقساراي، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئەمەلدارلىرى يۇقىرىقى بۇ ۋىزا چەكلىمىسى ھەققىدىكى مۇنازىلەرگە ئىشتىراك قىلىۋاتقان ئىكەن. ئەگەر بۇنداق كەڭ كۆلەمدىكى ۋىزا چەكلىمىسى ھەقىقەتەن ئىشقا كىرىشسە، بۇ 2018-يىلى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئۇرۇشى باشلانغاندىن بۇيان ئامېرىكا خىتايغا قاراتقان قاراتقان ئەڭ زور ھەرىكەتلەرنىڭ بىرى بولۇش بىلەن بىرگە يەنە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سوغۇق ئۇرۇشىنىڭ يارقىن ئىپادىسى بولۇپ قالىدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدا 92 مىليون نەپەر كومپارتىيە ئەزاسى بار بولۇپ، بۇ ھەقتىكى مۇزاكىرىلەردە بارلىق كومپارتىيە ئەزالىرىغا ئەمەس، بەلكى ئالدى بىلەن خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ سىياسەتلىرىنى بەلگىلەيدىغان خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ 25 نەپەر ئەزاسى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ۋىزا چەكلىمىسى قويۇش ئالغا سۈرۈلمەكتىكەن.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى زۇلۇمدا رول ئالغان چېن چۈەنگو، جۇ خەيلۇن قاتارلىق 4 نەپەر خىتاي ئەمەلدارىنى «يەر شارى ماگنېتىسىي قانۇنى» ئارقىلىق جازالىغان. چېن چۈەنگو خىتاي كومپارتىيەسى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ھازىرغىچە جازالانغان ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي ئەمەلدارى بولۇپ قالغان. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئالدىنقى كۈنىلا ئۇيغۇر ئېلىدىكى زۇلۇمغا ئىشتىراك قىلغان خۇاۋېي قاتارلىق تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ خادىملىرىغا ۋىزا چەكلىمىسى ئېلان قىلغان ئىدى.