كانادادىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار ترېدو ھۆكۈمىتىنىڭ «كانادا ماگنېتىسكىي قانۇنى» نى ئىشقا سېلىپ، خوڭكوڭ، تىبەت ۋە ئۇيغۇر دىيارىدا كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىۋاتقان خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالىشىنى تەلەپ قىلىش ھەرىكىتى باشلىغان.
كانادادىكى «يەر شارى خەۋەرلىرى» تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ 19-يانۋار كۈنىدىكى خەۋىرىدە بايان قىلىشىچە، مەملىكەت خاراكتېرلىك بۇ ھەرىكەت 19-يانۋار كۈنى تورونتودىكى شىمالىي يورك ئاممىۋى مەركىزىدە باشلانغان. كانادادىكى كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچىلار كانادانىڭ «ماگنېتىسكى كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى» نى ئىشلىتىپ، ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىۋاتقان خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالىشىنى تەلەپ قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ترېدو ھۆكۈمىتى ھازىرغىچە مەزكۇر قانۇننى ئىشقا سېلىپ باقمىغان ئىدى.
«يەر شارى خەۋەرلىرى» نىڭ خەۋىرىدە 19-يانۋار كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن شىمالىي يورك ئاممىۋى مەركىزىدىكى پائالىيەتكە قانۇن ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر ۋە كانادادىكى خوڭكوڭ، تىبەت، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرىنىڭ قاتناشقانلىقىنى بىلدۈرگەن. «كانادا ماگنېتىسكىي كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى» دا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغۇچىلارغا قارىتا پۇل-مۇئامىلە، سودا ساياھەت ئېمبارگوسى يۈرگۈزۈش بەلگىلەنگەن.
كانادادىكى مەك-دونالد-لاۋرېئىر ئاممىۋى سىياسەت ئىنستىتۇتىنىڭ ئادۋوكاتى ماركۇز كولگار «يەر شارى خەۋەرلىرى» گە سۆز قىلىپ، «ئەگەر بىز ئېمبارگو قويساق بۇ شەخسلەر، ئەمەلدارلار ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغۇچىلارنىڭ كانادادا پۇل ساقلىشىغا يول قويۇلماسلىقى، ئەگەر پۇل ساقلىغان بولسا مۇسادىرە قىلىشىمىز، ساياھەت قىلىشىغا يول قويماسلىقىمىز كېرەك،» دېگەن. مەزكۇر پائالىيەتكە قاتناشقان ئۇيغۇر پائالىيەتچى مەمەت توختى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان بۇزغۇنچىلىقىنىڭ تەسىرى ھەققىدە توختىلىپ، «بۇ يالغۇز مەن ئۈچۈنلا ئەمەس، پۈتۈن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىر پسىخولوگىيەلىك يىمىرىلىشتۇر. چۈنكى سىز ئانىڭىزنىڭ ئۆلۈك ياكى تىرىكلىكىنى بىلمەيسىز،» دېگەن. «كانادا ماگنىتىسكىي كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى» 2017-يىلى ماقۇللانغان ئىدى.