ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ سابىق پارتكوم سېكرېتارى لى جى پارىخورلۇق بىلەن ئەيىبلىنىپ سوتقا تاپشۇرۇلدى

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ 14-ئاپرېل خەۋەر قىلىشىچە، 2015-يىلى 6-ئىيۇل پارىخورلۇق قىلمىشلىرى سەۋەبلىك تەكشۈرۈشكە يوللانغان ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ سابىق پارتكوم سېكرېتارى لى جىنىڭ دېلوسى، چىڭخەي ئۆلكىسى شىنىڭ شەھەرلىك تەپتىش مەھكىمىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈپ، شىنىڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا سوتنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا رەسمىي تاپشۇرۇلغان.

خىتاي خەۋىرىدە ئەسلى يۇرتى ئەنخۇي بولغان لى جىنىڭ 1969-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا خىزمەت قىلىشقا باشلىغانلىقى، ئۇنىڭ شىنجاڭ يېنىك سانائەت شىركىتىنىڭ باشلىقى، بورتالا ئوبلاستىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى، سانجى ئوبلاستىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان مەزگىللەردە «خىزمەت قۇلايلىقىدىن پايدىلىنىپ، پارا يېيىش، ھوقۇقىنى قالايمىقان ئىشلىتىش قاتارلىق ئىنتىزامغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغانلىقى» سەۋەبلىك قانۇن ئورۇنلىرىغا تاپشۇرۇلغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

لى جى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ پارتكوم سېكرېتارلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان مەزگىلىدە «2009-يىلدىكى 5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقى» ۋە شۇ يىلى 3-سېنتەبىردىكى خىتايلارنىڭ ۋاڭ لېچۈەننىڭ تەختتىن چۈشۈشىنى تەلەپ قىلىش نامايىشى يۈز بەرگەن.

ئۇنىڭ 3-سېنتەبىر كۈنى خىتاي نامايىشچىلىرىغا قارىتا قۇتراتقۇلۇق تۈسىنى ئالغان نۇتۇق سۆزلىگەنلىكى ئۈرۈمچىدىكى خەلقئارا تاراتقۇلار مۇخبىرلىرى ئارقىلىق ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، لى جى ۋە دائىرىلەر قاتتىق ئەيىبلەشكە ئۇچرىغان ئىدى.

2009-يىلى 7-سېنتەبىر رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئىلھام توختى لى جىنىڭ 3-، 7-سېنتەبىردىكى خىتايلارنىڭ كوچىغا چىقىپ ئۇيغۇرلارنى ئۇرۇش ۋەقەسىنى بىر تەرەپ قىلىشتا چوڭ خىتايچىلىق ئىدىيىسىنى تەرغىب قىلغانلىقىنى تەنقىدلىگەن ئىدى.