«خىتاي ھەققىدىكى خەلقئارا پارلامېنتلار بىرلەشمىسى» ئۇيغۇرلارنى دەپسەندە قىلغان خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاشنى تەلەپ قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2022.10.17

«خىتاي ھەققىدىكى خەلقئارا پارلامېنتلار بىرلەشمىسى» (IPAC) 14-ئۆكتەبىر بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 16-ئ‍ۆكتەبىر بېيجىڭدا باشلانغان 20-قۇرۇلتىيىدا شى جىنپىڭنىڭ قايتا ھوقۇق تۇتۇشىغا قارىتا ئىنكاس بىلدۈرگەن. دۇنيادىكى 30 نەچچە دۆلەتنىڭ پارلامېنت ئەزالىرىدىن تەشكىل تاپقان بۇ خەلقئارالىق تەشكىلاتنىڭ باياناتىدا تەكىتلىنىشىچە، «شى جىنپىڭنىڭ 3-قېتىم ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنى ئۇزارتىشى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى تەھدىتكار سىياسىتىنى ئۆزگەرتىش نىيىتى يوقلىغىنىڭ روشەن سىگنالى» ئىكەن. باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «بۇنداق ئاچقۇچلۇق پەيتتە، خىتاي ھەققىدىكى خەلقئارا پارلامېنتلار بىرلەشمىسى خىتاي خەلقى، ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، خوڭكوڭلۇقلار ۋە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ زۇلۇمىغا ئۇچرىغان ھەم ئۆز رەھبىرىنى تاللاشتا سۆز ھەققى بولمىغان باشقا بارلىق كىشىلەر بىلەن بىللە تۇرىدۇ».

باياناتتا يەنە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ شى جىنپىڭنىڭ رەھبەرلىكىدە ئۇيغۇرلار رايونىدا كىشىلىك ھوقۇقنى كەڭ كۆلەملىك دەپسەندە قىلغانلىقى، خوڭكوڭنىڭ ئۆز ئ‍ۆزىنى باشقۇرۇشىدا خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپلىق قىلغانلىقى، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قوراللىق تاجاۋۇز قىلىشىنى يوشۇرۇن قوللىغانلىقى، تەيۋەنگە تەھدىت سېلىشنى كۈچەيتكەنلىكى بىلدۈرۈلۈپ: «خىتاي كومپارتىيەسى شى جىنپىڭنىڭ 3-قېتىم ھوقۇق تۇتۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئارقىلىق شى جىنپىڭنىڭ باستۇرۇش سىياسىتىنى مۇددەتسىز داۋاملاشتۇرۇشىغا ئىجازەت بەردى» دەپ كۆرسىتىلگەن.

باياناتقا ئامېرىكا، ئەنگلىيە، كانادا، فىرانسىيە، ئاۋسترالىيە، دانىيە، شىۋېتسىيە، ئىرېلاندىيە، نورۋېگىيە قاتارلىق 20 نەچچە دۆلەتتىكى 49 نەپەر پارلامېنت ئەزاسى ئىمزا قويغان.

ئۇلار باياناتىدا، دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەتلىرىدىن ئۇيغۇر رايونى، خوڭكوڭ، تىبەت ۋە خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدا كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشقا قاتناشقان خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاشنى تەلەپ قىلغان.

باياناتتا، يۇقىرقىدىن باشقا يەنە تەمىنلەش زەنجىرىدە خىتايغا تايىنىشنى نازارەت قىلىش، تەمىنلەش زەنجىرىنى كۆپ خىللاشتۇرۇش، تەيۋەن بىلەن بولغان ئ‍ىقتىسادىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش، چەتئەلدە ياشاۋاتقان خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان تەھدىتى ئاستىدىكى گۇرۇپپىلارنى قوغداشمۇ تەلەپ قىلىنغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.