شى جىنپىڭنىڭ ئورۇنباسارى دەپ قارالغان بىر خىتاي ئەمەلدار جازاغا تارتىلغان

خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئورۇنباسارى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن، دەپ قارالغان چۇڭچىڭ شەھىرىنىڭ سابىق باشلىقى سۇن جېڭسەي جۈمە كۈنى خىتاي كومپارتىيەسىدىن قوغلاپ چىقىرىلىپ، قانۇن ئورگانلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇلغان.

چۇڭچىڭ شەھىرىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى، خىتاي سىياسىي بيۇروسى ئەزاسى سۇن جېڭسەي 15-ئىيۇل تۇيۇقسىز ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇپ، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈشىگە تاپشۇرۇلغان.

«تەڭرىتاغ» تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ئۇ، «غايە، ئېتىقادتا تەۋرىنىپ، پارتىيىنىڭ ئاساسىي مەقسىتىدىن يۈز ئۆرۈگەن»، «ھوقۇقىنى سۇيىئىستېمال قىلغان» ۋە «چىرىكلەشكەن» ئىكەن.

سۇن جېڭسەي خىتاي مەركىزىي سىياسىي بيۇروسىدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق 25 ئەزانىڭ بىرى ئىكەن. ۋال سترېت ژۇرنىلى گېزىتىدە بېرىلگەن مۇلاھىزىگە قارىغاندا، ئانالىزچىلار ۋە خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىدىن خەۋەردار كىشىلەر سۇننىڭ كەلگۈسىدە سىياسىي بيۇرو دائىمىي كومىتېتىغا ئۆستۈرۈلۈپ، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئورنىغا چىقىشى مۇمكىنلىكى ناھايىتى يۇقىرى بولغان بىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشكەن.

خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، يەنە بىر نۆۋەت خىتايغا رەئىس بولۇشنى كۆزلەۋاتقان شى جىنپىڭ پارتىيە رەھبەرلىكى ئىچىدىكى ئۆزىگە رىقابەتچى بولالايدىغان كىشىلەرنى مەركەزدىن يىراقلاشتۇرۇشقا تىرىشماقتا ئىكەن.

شى جىنپىڭنىڭ سۇن جېڭسەينى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇشى، ئۇنىڭ 2020-يىلى 2-قارار رەئىسلىك مۇددىتى توشقاندىن كېيىنمۇ ھوقۇقنى چاڭگىلىدا تۇتۇپ تۇرۇشنى كۆزلەۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن. سۇننىڭ ئورنىغا شى جىنپىڭنىڭ قەدىناس توستى، گۇيجۇ ئۆلكىسىنىڭ پارتىيە سېكرېتارى چېن مىنئېر تەيىنلىگەن.

چۇڭچىڭ خىتايدىكى مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق 4 چوڭ شەھەرنىڭ بىرى. سۇن جېڭسەي شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتى دەۋرىدە مەزكۇر شەھەرنىڭ پارتكوم سېكرېتارلىق ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرۇش داۋامىدا موللاق ئاتقان ئىككىنچى شەخس. چۇڭچىڭنىڭ سابىق پارتكوم سېكرېتارى بو شىلەيمۇ 2012-يىلى «چىرىكلىك» ۋە «ھوقۇقنى قالايمىقان ئىشلىتىش» جىنايەتلىرى بىلەن ئەيىبلىنىپ، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. سۇن جېڭسەي 2012-يىلى نويابىرىدىن باشلاپ مەزكۇر شەھەرگە ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن ئىدى.