خىتاي ئەنگلىيە ساياھەت شىركەتلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىدە «ياسالما» ساياھەت تۈرلىرىگە ئۇيۇشتۇرماقتا
2025.01.06
خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىگە تېخىمۇ كۆپ تەرەپ ساياھەتچىلىرىنى جەلپ قىلىش ئۈچۈن ئەنگلىيە ساياھەت شىركەتلىرىنىڭ خادىملىرىنى، ئەنگلىيە پارلامېنتى تەرىپىدىن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» رايونى، دەپ ئېلان قىلىنغان ئۇيغۇر ئېلىدە «ياسالما» ساياھەت تۈرلىرىگە ئۇيۇشتۇرماقتىكەن. ئەنگلىيە «ۋاقىت» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ خىل «ياسالما» ساياھەت تۈرلىرىنىڭ چىقىمىنى خىتاي تەمىنلەۋاتقان بولۇپ، خىتاي بۇ ساياھەت خادىلىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپ غەربلىكلەرنى ئۇيغۇر ئېلىدە ساياھەتتە بولۇشقا رىغبەتلەندۈرۈشىنى ئۈمىد قىلماقتىكەن. 2023-يىلى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» مەخسۇس دوكلات ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر ئىلىغا بىر قىسىم ساياھەت تۈرلىرىنى تەشكىللەۋاتقان بىر قانچە غەرب ساياھەت شىركىتىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ساياھەت تۈرلىرى» گە ئىشتىراك قىلىشنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلغان. نەتىجىدە، بىر قىسىم شىركەتلەر ئۇيغۇر ئېلىگە قاراتقان ساياھەت تۈرلىرىنى تەشكىللەشنى توختاتقانىدى.
لېكىن ئەنگلىيە «ۋاقىت» گېزىتىنىڭ 5-يانۋار بەرگەن خەۋىرىدە ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي تەشكىللىگەن بۇ ساياھەت تۈرلىرىگە، ئەنگلىيە ساياھەت شىركەتلىرىنىڭ خادىملىرىمۇ قاتناشقان. خەۋەردە، «سوتسىيالىستىك خىتاينىڭ دوستلىرى» ناملىق بىر خىتايپەرەس تەشكىلاتنىڭ بۇ قېتىملىق ساياھەت ھەققىدە مەخسۇس «شىنجاڭنى دوكلات قىلىش: شىنجاڭدىكى يېڭىلىق ۋە كۆپ خىللىق» دېگەن تېمىدا نەق مەيدان ھەم تور سۆھبىتى ئۆتكۈزگەنلىكى، سۆھبەتتە بىر ساياھەت شىركىتى خادىمىنىڭ «شىنجاڭدىكى كۆپ خىللىق ۋە گۈللىنىش» نى ماختاپ ھالى قالمىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. «ۋاقىت» گېزىتىنىڭ قەيت قىلىشىچە، 80 كىشىلىك شۇ قېتىملىق ساياھەت تۈرىگە ئەنگلىيەدىن 8 نەپەر، ياۋروپا دۆلەتلىرىدىن 7 نەپەر ساياھەت شىركىتى خادىمى قاتناشقان ئىكەن.
خەۋەردە، مۇتەخەسسىسلەر خىتاينىڭ رايونغا مۇناسىۋەتلىك «سەلبىي ئۇچۇرلار ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق توغرىسىدىكى بايانلارنى ئامېرىكا ئويدۇرۇپ چىقارغان، دېگەن قاراشقا ناھايىتى كۆپ مەبلەغ سالغان» دەپ كۆرسەتكەنلىكى، «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» نىڭ، ساياھەتچىلىك «ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلىش ۋە ئېكسپلاتاتسىيە قىلىشنىڭ ئاچقۇچلۇق تاكتىكىسى» بولۇپ قالغانلىقىنى كۆرسەتكەنلىكى تەكىتلەنگەن.