خىتاي كومپارتىيەسى ئۆز ئەپتى-بەشىرىسىنى ئاشكارىلايدىغان قانۇن لايىھەسىگە پۈتۈن كۈچى بىلەن قارشى تۇرماقتا
2024.06.27
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو بىلەن ئاۋام پالاتا ئەزاسى ئەندى ئوگلېس (Andy Ogles) خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇشىغا قارىماي، ئۇلارنىڭ چىرىكلىكىنى دۇنياغا ئاشكارىلايدىغان قانۇن لايىھەسىنىڭ يورۇقلۇققا چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرمەكچى بولغان.
«ئېنىق سىياسەت» تورى 26-ئىيۇن ئېلان قىلغان خەۋەرگە قارىغاندا، بۇ يىل 6-ئاينىڭ ئوتتۇرىسىدا خىتاينىڭ ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى جۇمھۇرىيەتچىلەردىن بولغان دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىغا قاتتىق گەپلەر بىلەن ئېلخەت يوللاپ، ئۇلار پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللاۋاتقان «كومپارتىيەنىڭ زىيانلىق تەسىرىگە قارشى تۇرۇش قانۇن لايىھەسى» گە ئالاھىدە دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇلار خېتىدە مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنىڭ خىتاي بەلگىلىگەن «قىزىل سىزىق» تىن ھالقىغانلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «بۇ ئوپئوچۇق سىياسىي ئىغۋاگەرلىك. بۇ ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋەتلىرىنى ياخشىلاش تىرىشچانلىقىغا خەۋپ يەتكۈزۈشى مۇمكىن» دېگەن.
بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ پارىخورلۇق ۋە چىرىكلىك قىلمىشلىرىنى دۇنياغا ئاشكارىلاشنىڭ يولىنى ئاچىدىغان مۇھىم بىر قەدەم بولۇپ، خىتاي بۇنىڭدىن قاتتىق بىئارام بولغان. ئۆز مەنپەئەتىگە كەلگەندە «باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق» پىرىنسىپىنى تەكىتلەپ كېلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قېتىم ئامېرىكا سىياسەتچىلىرىنىڭ بۇ ئىشىغا مۇداخىلە قىلىشقا باشلىغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئەگەر بۇ قانۇن لايىھەسى ماقۇللىنىپ، قانۇنغا ئايلانسا، ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى 90 كۈن ئىچىدە بىر دوكلات تەييارلاپ ھۆكۈمەتكە سۇنۇشى كېرەك ئىكەن. بۇ دوكلاتتا خىتاي كومپارتىيەسى باش سېكرېتارى شى جىنپىڭ باشلىق بارلىق كوممۇنىست ئەمەلدارلارنىڭ مال-مۈلكى ۋە چىرىكلىشىش ئەھۋالى تەپسىلىي بايان قىلىنىدىكەن. خىتاي خەلق بانكىسى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ بايقىشىچە، ئۆتكەن 15 يىلدا مىڭلىغان، ئون مىڭلىغان خىتاي ئەمەلدارلىرى خىتاي خەلقىدىن شۈلۈۋالغان 100 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق پۇلنى ئېلىپ چەت ئەلگە، ئاساسلىقى ئامېرىكاغا قاچقان؛ خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ ئۇرۇغ-تۇغقانلىرى چەت ئەلدىكى مەخپىي شىركەتلىرى ئارقىلىق بايلىق يۆتكىگەن. ئەگەر بۇلار دۇنياغا ئاشكارىلىنىپ كەتسە «چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، چىۋىننىمۇ ۋە يولۋاسنىمۇ ئۆلتۈرگەن» شى جىنپىڭ قاتتىق ئوسال ئەھۋالدا قالىدىكەن.