خىتاي ئادرىيان زېنز ۋە ASPI ئۈستىدىن ئەرز سۇنۇشنى ئويلىشىۋېتىپتۇ

مۇخبىرىمىز نۇرئىمان
2020-07-08
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي دۆلەت تاراتقۇسى بولغان «يەرشارى ۋاقتى» تورىنىڭ 8-ئىيۇل بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى گېرمانىيەلىك تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنز ۋە ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتى ئۈستىدىن ئەرز قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ تەھدىت سالغان.

خەۋەردە: «مەنبەلەرگە قارىغاندا خىتاي ئادرىيان زېنز ۋە ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتى (ASPI) ئۈستىدىن ئەرز سۇنۇشنى ئويلىشىۋاتىدۇ، ئۇلار ئۇزۇندىن بۇيان خىتاي ھەققىدە تۆھمەت چاپلاپ تارقاتقان» دېيىلگەن.

دوكتور ئادرىيان زېنز خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى چەكلەش ئارقىلىق ئىرقى قىرغىنچىلىققا يول ئېچىۋاتقانلىقى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلغان. ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتى خىتاينىڭ يۇقىرى تېخنىكا ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى قاتتىق باستۇرۇۋاتقانلىقىنى تەكشۈرۈپ چىققانىدى.

مەزكۇر خەۋەردە مەخسۇس ئادرىيان زېنزنىڭ كىم ۋە ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتىنىڭ نېمە ئىش قىلىدىغان ئورگان ئىكەنلىكى ھەققىدە تەپسىلىي بايان قىلىنغان بولۇپ، بۇ« ئاتالمىش ‹تەتقىقاتچى› ۋە ئاتالمىش ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتى ئاتالمىش ‹دوكلات› لارنى دائىم ئېلان قىلىپ جۇڭگونى ئاساسسىز ئەيىبلىدى »دېگەنلەر ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

خىتاي مەتبۇئاتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ يىل مارت ئېيىدا، خىتاينىڭ لاگېرلىرىدا يېتىپ چىققان بەزى« ئۇيغۇر زىيالىيلىرى »دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئۈستىدىن ئۆزلىرىنىڭ رەسىملىرىنى رۇخسەتسىز ئىشلەتكەن، دېگەن سەۋەب بىلەن ئەرز قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، لېكىن ئۇلار قانداق ئەرز قىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالمىغان. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۇنى« خىتاينىڭ تېرە تاراقلىتىشى »دېگەنىدى.

نۆۋەتتە يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنى ئەيىبلەش ۋە باشقا ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن زەربە بېرىش ھەم تەھدىت سېلىشنى كۈچەيتكەنلىكى ئەيىبلەنمەكتە.


پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت